ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ 28-قېتىملىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-29 15:28

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇردا جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ  28-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 4-ئايدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا زىيارەتتە بولغاندا ئېيتقاندەك، ئىتتىپاقلىق كۈچ، ھەمكارلاشقاندىلا تەڭ پايدا ئالغىلى بولىدۇ. بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىر-بىرىنى قوللاپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىقنى ئاخىرى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا، بىز يەنە بىرلىكتە ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئۆزئارا ئىلھام بېرىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، دېڭىز تاشقىنى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق زور قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتتۇق. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلدى، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تېخىمۇ قەتئىي ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، تېخىمۇ زور بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تاشقى كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، بىر بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ(2026-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە) بولغان ھەرىكەت پىلانى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، مەنپەئەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇق ھېسسىياتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت مىزانى»نى بالدۇرراق ھاسىل قىلىپ، رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
يىغىندىن بۇرۇن، لى چياڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى مالايسىيانىڭ زۇڭلىسى ئەنۋەر بىلەن جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ 28-قېتىملىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇردا جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ 28-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.