جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 65-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 65-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-سانلىق يىغىنىنى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 65-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-سانلىق يىغىنىنى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.
كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا: 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-سانلىق يىغىنىدا تۈرمە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قانۇنى لايىھەسى، داۋالىنىش كاپالىتى قانۇنى لايىھەسى، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەننىڭ سۇ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىكە قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى؛
كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەكلىپ بەرگەن دائىمىي كومىتېتنىڭ 22-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالمىلىرىدىن يەنە: گوۋۇيۈەننىڭ 2025-يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، 2024-يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە تۈزىتىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىش بار.
كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2026-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر، تاشقى ئىشلار خىزمىتى پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «بىر ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە» نىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار، خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ يازما پىكرى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىدىغان تەكلىپلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى دائىمىي كومىتېت 22-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى









