لى چياڭ تېلېگرامما يوللاپ ماگيارنىڭ ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى
گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى چياڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ماگيار پېتېرغا تېلېگىرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ زوڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ۋېنگىرىيەنى ياۋروپا رايونىدىكى مۇھىم ھەمراھى دەپ قارايدۇ، ۋېنگىرىيە بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنى مۇقىم، ئۇزاققىچە ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









