باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>ھەربىي ئىشلار
19-قۇرۇلتاي ۋەكىلى ياڭ فېڭجى پۇقرالارنىڭ ئىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ياخشى ئىشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2017-10-17 19:28:20

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

خەينەن ئۆلكىسى بەيشا لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى دائەن بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تيەنبياۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ فېڭجى «پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ماڭا ئىشىنىدۇ، مەن كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا يېتەكلىشىم كېرەك» دېدى ھەم شۇنداق قىلدى.

ياڭ فېڭجى 1998-يىلى تيەنبياۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقى ھەم كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى. ئەمدىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان چاغدا، تيەنبياۋ كەنتىنىڭ نۇرغۇن ئاھالىسى شېكەر قومۇشى تېرىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى، كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ئارانلا ھەل قىلاتتى. ئۇ ياچېيكا ئەزالىرىنى باشلاپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ كەنت ئاھالىلىرىگە خىزمەت ئىشلەپ مۇنداق دېدى: شېكەر قومۇشىنىڭ باھاسى پەقەت ئۆرلىمەيۋاتىدۇ، لېكىن كاۋچۇكنىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆرلىدى، يىراققا نەزەر سالغاندا، كاۋچۇك شېكەر قومۇشىغا قارىغاندا بەك پۇلغا يارايدۇ.

ياڭ فېڭجى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «بىز بۇرۇن كاۋچۇك تېرىپ باقمىغان، كاۋچۇك يىغىشنى بىلمىسەك قانداق قىلىمىز» دېگەن ئەندىشىسى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، كاۋچۇك يىغىشنى بىلمىسەڭلار ھېچقىسى يوق، بىز مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، كۆپچىلىككە كاۋچۇك باشقۇرۇش ۋە كاۋچۇك يىغىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىمىز، ھەممەيلەننىڭ كەسىپ ئەھلى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز دېدى. ھازىر كەنتتىكى كاۋچۇكنىڭ ئومۇمىي سانى 180 مىڭ تۈپكە يەتتى، 2015-يىلى كاۋچۇك ئۆستۈرۈش كۆلىمى 5000 موغا، ئومۇمىي كىرىمى 7 مىليون 150 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

كاۋچۇك تېرىشنىڭ كىرىمى مۇقىم بولدى، ئەمما ئۈنۈمى بىر قەدەر ئاستا بولدى، قانداق قىلغاندا ئاممىنى تېزدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟ ياڭ فېڭجى 2007-يىلىدىن باشلاپ، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن خۇاڭ جىنفاڭ بىلەن بىرلىكتە ئورمان باقمىچىلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توخۇ، چارۋا مال بېقىش قاتارلىق بەش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەشكىللىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تيەنبياۋ كەنتى ئېتىزلىقلىرىدا شال، كاۋچۇك بار بولدى، ئورمانلىقتا يەرلىك توخۇ، ھويلىلىرىدا چارۋا مال بار بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى بارغانسېرى ئاشتى، بۇلتۇر كىشى بېشى كىرىمى 8975 يۈەنگە يەتتى.

تيەنبياۋ كەنتى يىراق-يېقىنغا داڭلىق باي كەنتكە ئايلاندى. 2016-يىلى يېزا-بازار نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا ياڭ فېڭجى دائەن بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى. بۇ يىل ئۇ شەرەپلىك ھالدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق