باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>ھەربىي ئىشلار
«ئۇلۇغ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى - پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا بېغىشلىما»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن | يوللانغان ۋاقىت:2017-10-17 19:40:13

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 16-ئۆكتەبىر «ئۇلۇغ بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى -پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا بېغىشلىما» ماۋزۇلۇق باشماقالە ئېلان قىلدى.

باشماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى ئۆكتەبىر ئېيىدا، تارىخ سىترېلكىسى يەنە بىر مۇھىم پەيتنى كۆرسەتتى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ زور بۇرچنى زىممىسىگە يۈكلىگەن تارىخىي كاتتا مەرىكە. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماستىن مېڭىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقى دۇنياغا ئېنىق جاكارلىنىدۇ.

باشماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغاندىلا، پارتىيەمىز ھەممە بىر نىيەتكە كېلىپ ئىرادىدىن قورغان ھاسىل قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەم قىلالايدۇ.

باشماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، 2200 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىكتە تىرىشىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن قۇرۇلتاي قىلىپ ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىدا تېخىمۇ ۋەزىنلىك سەھىپىلەرنى قالدۇرىدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق