باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
نېفىت باھاسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2012-04-05 11:23:45

 
Mytravelcost يەنى مىنىڭ ساياھەت تەننەرخىم تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، دۇنيادا نېفىت باھاسى ئەڭ يۇقىرى ئون دۆلەت تۈركىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، دانىيە، ئىتالىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە، فىنلاندىيە، گىرېتسىيە، فىرانسىيە ئىكەن.
ھازىر تۈركىيەدە بىر گاللون گازنىڭ باھاسى 9.63 دوللار بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا بىر لېتىر گازنىڭ باھاسى 16يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئەگەر 16 گاللون يەنى تەخمىنەن 60لىتىر توشقۇزماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا 154 دوللار يەنى 975يۈەن ئەتراپىدا پۇل تۆلەيسىز.
ئىستانبۇلدىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ شۇنچە قىممەت ماي پۇلى تاپشۇرۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب تۈركىيەدە %78نېفىت ئىمپورت قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا تۈركىيەدە تاكسى شوپۇرلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، چۈنكى تۈركىيەدە تاكسى شوپورلىرى ئادەتتە ھەرخىل ئاماللار بىلەن ماي پۇلىنى تاپىدۇ. ئەگەر تۈركىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولسىڭىز، تاكسىدىن باشقا يەنە تىرامۋاي، مېترو، شۇنداقلا پاروم قاتارلىق ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تاللىسڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت باھاسى دۇنيادا 70-ئورۇندا تۇرغان.
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق