باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
دۇنيا تاراتقۇسىدىكى داڭلىق شەخس مايك ۋاللىس ئالەمدىن ئۆتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2012-04-10 12:45:40

مايك ۋاللىس

 

ۋاللىسنىڭ يولداش دېڭ شياۋپىڭنى زىيارەت قىلغان ۋاقتى

 

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى مايك ۋاللىس ئامېرىكا ۋاقتى 7-ئاپرېل كەچتە ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتىدىكى بىر ساناتورىيەدە 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ۋاللىسنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ئامېرىكا تاراتقۇ ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىدى. ۋاللىس 1918-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ماسساچۇسسىس شىتاتىدىكى كۆچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ 50 ياش مەزگىللىرى كەسپتە ئەڭ نەتىجە قازانغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا كولۇمبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ داڭلىق خەۋەرلەر پروگراممىسى «ئاتمىش مىنۇت» نى ۋاللىس ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ھەمدە 40 يىل مۇشۇ پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى بولغان. ۋاللىس يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك كەسپىي ھاياتىدا نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرىنى، جەمئىيەتتىكى داڭلىق ئەربابلارنى زىيارەت قىلغان ھەتتا سەتچىلىكتە قالغان داڭلىق كىشىلەرنىمۇ زىيارەت قىلغان، كېننىدى، نىكسون، كات، رېگان، چوڭ بوش قاتارلىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرى، كاستىرو، ئارافات، كازافى قاتارلىق چەتئەل رەھبەرلىرىنىمۇ زىيارەت قىلغان. 2006-يىلى پىنسىيەگە چىققان. ئۇ كەسپىي سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە خەۋەرگە بولغان سەزگۈرلىكى بىلەن، ئۆزى بىلەن «60 مىنۇت» پروگراممىسىنى ئامېرىكىدىكى ھەتتا دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدىكى بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇردى. ۋاللىسنى خاتىرلەش ئۈچۈن، كولومبىيە رادىيو شىركىتى يېقىندا «60 مىنۇت» ئالاھىدە پروگراممىسىنى ئىشلىدى. جۇڭگودىمۇ ۋاللىسنىڭ نام شۆھرىتىنى بىلىدىغانلار خېلى كۆپ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش قەدىمىنى يېڭىدىن باسقان جۇڭگوغا غەربلىكلەر ناھايىتى قىزىقىۋاتاتتى. 1986-يىلى ۋاللىس ئىلتىماس قىلىپ دېڭ شياۋپىڭنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدە ئېرىشكەن. ۋاللىس-يولداش دېڭ شياۋپىڭنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان شۇنداقلا بىردىنبىر قوبۇل قىلغان غەرب مۇخبىرى. ۋاللىس جۇڭنەنخەيدە دىڭ شياۋپىڭدىن 20 نەچچە سۇئال سورىدى، دېڭ شياۋپىڭمۇ بىرمۇ بىر جاۋاب بەردى. 2000-يىلى ۋاللىس بېيدەيخېدا جياڭ زېمىننى مەخسۇس زىيارەت قىلغان. ئۇ كەسپىي ھاياتىدا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ تېلىۋىزىيە فىلىملىرىدىكى ئەڭ داڭلىق مۇكاپات ئېممى مۇكاپاتىغا 19 قېتىم ئېرىشكەن.

ۋاللىسنىڭ زىيارەت ئۇسلۇبى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە، ئۇ زىيارەت قىلىنغۇچى بىلەن خۇددى ناھايىتى يېقىن تونۇشلاردەك پاراڭلىشىپ، ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ زىيارەت مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئۇ رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبىدا تىلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، گۇمانى سۇئاللارنى سورىشى بىلەن داڭ قازانغان، لېكىن بەزىدە ئۇ بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. لېكىن ئۇ بۇلارغا پىسەنت قىلمىدى، ئۇنىڭ زىيارەت جەريانىدىكى ئۇشتۇمتۇت زەبە بېرىش ئۇسلۇبى دۇنياغا داڭلىق. ئۇ پروگراممىسىدا ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىنى زىيارەت قىلغان، پەقەت كىچىك بوشلا ئۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمىغان. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ بەزىدە تاماكا چەككەچ باشقىلارنى زىيارەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ سۇئاللىرى تاماكا ئىسىدەك ئۆتكۈر بولۇپ، ئامېرىكا تاراتقۇ ساھەسىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلغان، شۇڭا ئۇ ئامېرىكىنىڭ تاراتقۇ ئاتىسى بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

ئامېرىكا كولۇمبىيە رادىيو شىركىتى 8-ئاپرېل ۋاللىسنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلاردا ئۇ توغرىلىق خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى. نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ۋاللىسىنى ئەڭ داڭلىق رادىيو مۇخبىرى دەپ تەرىپلىدى. CNN نىڭ ئوبزورىدا ۋاللىس ئاخبارات ساھەسىدىكى گىگانت ئادەم دەپ تەرىپلەندى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق