باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
تاۋۇزنى كۆپ يېگەندە...
مەنبەسى:قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-28 15:18:13

يازدا ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا، تاۋۇز يەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. بەزىلەر تاۋۇزنى توكسىننى ھەيدەيدۇ، دەپ قاراپ، كەچلىك تاماق ئورنىدا يەيدۇ. لېكىن بەك كۆپ يېگەندە، گەرچە سۈيدۈك ئاجرىلىپ چىقىشىغا پايدىلىق بولسىمۇ، بۆرەككە بولغان زىيىنى چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاۋۇزنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، ئوچۇق ھالەتتە ئۇزاق تۇرۇپ قالغان تاۋۇزنى يېمەسلىك كېرەك.

بىر قىسىم ھامىلدارلارنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولمىسا، تاۋۇزنى تاماق ئورنىدا يەيدۇ، بۇ قەنتنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، ھامىلدارلار، ئاشقازان ئىقتىدارى ناچارلار تاۋۇزنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق