باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئەرلەر بەك تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىكى كېرەك
مەنبەسى:قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-28 15:25:46

ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى قەرەللىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندە، نورمال خىزمەت قىلىدۇ. بەك تويۇنۇپ يېگەندە، ئاشقازاندا بار يېمەكلىك تولۇق ھەزىم بولماي تۇرۇپلا يەنە كۆپ مىقداردىكى يېمەكلىك ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئەسلىگە كېلەلمەي، نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ. ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسى ھەر ئۈچ كۈندە بىر ئەسلىگە كېلىدىغان بولۇپ، ئۈچ ۋاق تاماقنى تويۇنۇپ يېگەندىن سىرت، كېچىدىمۇ تاماق يېسە، ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسى ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئېشىنچا يېمەكلىك ئاشقازاندا قېلىپ، ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغاندىن باشقا، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئوزۇقلۇق بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، يەنە دىيابېت، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلغاندىن باشقا، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق