باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئۆي ئىشلىرىنى ئەر-خوتۇن تەڭ قىلغان ئائىلەرنىڭ ئاجرىشىش نىسبېتى يۇقىرى بولىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-29 10:39:00

ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگرامما خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نورۋېگىيەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇنلىغان ياش ئەر-خوتۇنلار ئائىلىدە ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزئارا تەقسىملىۋېلىپ قىلسىمۇ، ئەمما بۇ خىلدىكى ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايال تەرەپ ئۈسىتىگە ئېلىپ قىلدىغان ئائىلىلەردىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن.

بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە،بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئارقىلىق «ئەر-ئاياللار ئۆي ئىشىنى تەڭ قىلىشى كېرەك» دېگۈچىلەرگە رەددىيە بېرىلگەن. يەنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزئارا تەقسىملىۋېلىپ تەڭ قىلىدىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى ئۆي ئىشىنىڭ ھەممىسىنى ئايال تەرەپ ئۈسىتىگە ئېلىپ قىلدىغان ئائىلىلەردىكى ئەر-خوتۇنلاردىن %50 يۇقىرى ئىكەن.

نورۋېگىيىدىكى تەتقىقاتچىلار تۇرمۇشتا باراۋەرلىك ھاسىل قىلىشنىڭ ئككى تەرەپنىڭ ئىناقلىقىغا زىيىنى باركى ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئائىلىۋى تۇرمۇشتىكى باراۋەرلىك بىلەن تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇپ ، ئەكسىچە تەتۈر نىسبەتتە بولۇدىكەن.تەتقىقاتچى توماس خەنسىننىڭ دېيىشىچە،كۆپلىگەن كىشىلەر ئەر-ئايال باراۋەر ئەمەس ئائىللەردە ئاجرىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ .ئەمما ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولدىكەن،تەتقىقات نەتىجىسىدىن تېخىمۇ ئېنىق ھالدا ،ئەر تەرەپ ئائىلىدە ئۆي ئىشىنى قانچە جىق قىلسا،ئەر-خوتۇننىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق