باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ھامىلىدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە داۋاملىق خىزمەت قىلىشنىڭ زىينى تاماكا چېكىشتىن قىلىشمايدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-10-08 09:26:47

ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا ئسپاتلىنىشچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدىمۇ داۋاملىق خىزمەت قىلىشى بوۋاقنىڭ يىنىك تۇغۇلۇپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن، بۇ خىل تەسىر يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاققا ناھايىتى زىيانلىق ئىكەن، زىيانلىق دەرىجىسى ھەتتا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چېكىش بىلەن باراۋەر بولۇپ، بوۋاقنىڭ كەلگۈسى يېتلىشىغا ياخشى بولمىغان تەسىر ئېلىپ كېلىدىكەن.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتنىڭ 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ئېسسېكىس ئۇنېۋىرىستتىنىڭ تەتقىقانچىلىرى ئۈچ تۈرلۈك ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرش سانلىق مەلۇماتى نەتىجىسىدە چىقارغان يەكۈن بولۇپ، ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتا، 1991-يىلىدىن 2005 -يىلغىچە ئەنگىلىيەدىكى ئائىلىلەردە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تۈرى بويىچە 1339 ئەنگىلىيلىك بالىلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى يىغىۋىلنغان، يەنە بىر تۈر بولسا 2000-يىلىدىن 2001-يىلغىچە ھامىلىدار بولۇپ يەڭگىگەن ئاياللارنى زىيارەت قىلغان زىيارەت خاتىرىسى، ئۈچىنچى تۈر بولسا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 -يىللىرىدىن 90 -يىلغىچە تۇغۇلغان بۇۋاقلارنىڭ ساغلامىلىق ئەھۋالى ئىكەن.

يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار ھامىلىدار بولۇپ 9 ئاي بولغاندا داۋاملىق خىزمەت قىلغان ئاياللار تۇغقان بوۋاق بىلەن ھامىلىدار بولۇپ 6 ئايدىن 8 ئايغىچە خىزمەتتىن توختاپ دەم ئالغان ئاياللار تۇغقان بوۋاقتىن 450 گرام يىنىك بولدىغانلىقىنى بايقىغان، يەنە يېشى چوڭ ھامىلىدار ئاياللار تۇغقان بوۋاقنىڭ بۇ خىل زىيانغا ئۇچىراش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن، ئادەتتە 24 ياشتىن تۆۋەن ھامىلىدار ئاياللار تۇغقان بوۋاق بۇ خىل زىيانغا ئۇچىراش نىسبىتى تۆۋەن ئىكەن.
ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا زىيادە يىنىك تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشى ئاستا ، ساغلاملىق ئەھۋالى ناچار بولۇپ، كەلگۈسىدىكى ھاياتىدا ئاز بولمىغان توسالغۇلارنى پەيدا قىلدىكەن.

يۇقىرىقى بايان قىلىنغان يەكۈنگە ئاساسلىنىپ، تەتقىقاتقا قاتناشقان پېراففىسور مارك. فىرانسىسكو كارخانا ئىگىلىرىنىڭ ھامىلىدار ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇش ئالدىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشنى، ئانىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، ھەم ساغلام بوۋاق تۇغىشىغا تۈركە بولىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

بۇ ھەقتە ئۇ يەنە: «بىز ھەممىمىز بىلىمىز، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يىنىك بۇلىشى، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇلار ياخشى ئۇقىيالماسلىقى، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمەسلىكى مۇمكىن، يەنە ئۇلارنىڭ ئوتتورىچە ئۆمۈرى باشقىلاردىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا بىز تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دەم ئېلىش مەسىلىسىنى ياخشى ئويلىشىشمىز كېرەك، چۈنكى ھامىلىدار ئايالنىڭ دەم ئېلىش بوۋاقلار ئۈچۈن ئاز بولمىغان پايدىلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق