باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئادەم دۈشەنبە كۈنى نېمىشقا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2012-10-10 11:33:02

 

ئەنگىلىيەدىكى «پوچتا گېزىتى» تور بېكىتى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسى كات مۇنداق دەپتۇ: «ئادەمنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغۇسى كەلمەيدۇ، نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ تەتقىقات نەتىجىسى بىزگە ‹بۇ پۈتۈنلەي ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنىدە زىيادە كۆپ ئۇخلىۋەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى› دەپ جاۋاب بەردى. بۇ جاۋاب كىشىلەردىكى ‹دەم ئېلىش كۈنىدە كۆپرەك ئۇخلاش شۇ ھەپتىسى خىزمەت سەۋەبىدىن كەم قالغان ئۇيقۇنى تولۇقلاشنىڭ ئۇسۇلى› دېگەن قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ».

كات يەنە مۇنداق دېدى: «ئادەمنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى تەخمىنەن 24 سائەتنى بىر دەۋر قىلىدۇ، ئادەم ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنىدە ئادەتتىكىدىن كۆپ ئۇخلىغاندا، بىيولوگىيەلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ-دە، ئۇنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئادەم تېخىمۇ چارچاپ كېتىدۇ. ئادەمنىڭ تېنى بەك كۆپ بولغاندا، بىر سائەت كېچىككەن فىزىئولوگىيەلىك رېتىمغا ماسلىشالايدۇ، ئادەم ئادەتتىكىدىن ئىككى سائەت ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاق ئۇخلىسا، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، يەكشەنبە كەچتە ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۈشەنبە كۈنى ئورۇندىن تۇرماق تەسكە توختايدۇ».

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق