باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
داڭلىق ئاپتوموبىللارنى ياخشى كۆرىدىغان پادىشاھ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2013-01-14 16:48:06

برۇنېي ناھايىتى كىچىك دۆلەت بولۇپ، نوپۇسى تۆت يۈزمىڭغىمۇ يەتمەيدۇ. لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ يەر ئاستى نېفىت بايلىقى مول بولۇپ، 600 يىللىق تارىخقا ئىگە سۇدان پادىشاھلىقىنى دۇنيادىكى ئەڭ باي خان جەمەئەتىگە ئايلاندۇردى.

1984-يىلى، برۇنېي ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ كونتىروللىقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن، خاسانول بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ تۇرالغۇسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئوردا بولۇپ، مېھمانخانىسىنىڭ ئۆزىدىلا بىرلا ۋاقىتتا تۆت مىڭ ئادەمنى كۈتىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ توقاللىرىمۇ ناھايىتى جىق. خاسانول دۇنيادىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ رولىس رويلىس ماركىلىق ئاپتوموبىلىدىن 181ى، شەخسىي ئايروپىلانىدىن 20سى ھەم ئۆزىنىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بار.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق