باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
كورېيە ئايال پىرېزىدېنتىنىڭ قول سومكىسى غۇلغۇلا قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-02-06 10:26:38

 

پاك گۇنھىنىڭ پائالىيەتكە قاتناشقاندا ئىشلەتكەن سومكىسىنىڭ، قىممىتى بىر مىليون 280 مىڭ كورېيە ۋونى كېلىدۇ، دەپ ئەيىبلەندى.

كورېيە «مەركەز گېزىتى»نىڭ 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، يېقىندا،« Hormig» دېگەن بۇ سۆز كورىيە تور بېكەتلىرىدە ھەممىدىن كۆپ ئاختۇرۇلغان سۆزگە ئايلانغان بولۇپ، كورېيەنىڭ ئايال پىرېزىدېنتى پاك گۇنھى بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا ئىشلەتكەن بۇ سومكا كورېيەدىكى داڭلىق ماركا Hormiga نىڭ باھاسى بىر مىليون 280 مىڭ كورېيە ۋونلۇق (تەخمىنەن 7300 يۈەن خەلق پۇلى) سومكىسى دەپ ئەيىبلەنگەن.

تورداشلار بۇنىڭغا ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى بەرگەن. بەزىلەر «پاك گۇنھىنىڭ كورېيە ئىشلەپچىقارغان تاۋارنى تەشۋىق قىلىشى ياخشى ئىش» دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر سومكا «بەك قىممەت» دەپ قارىغان.

تورداشلارنىڭ غۇلغۇلىسىغا قارىتا، ئۇنىڭ باياناتچىسى جاۋ يۈنشۈەن «مەركەز يەكشەنبىلىك گېزىتى»نىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ سومكىنىڭ كىچىك تىپتىكى بىر دۇكاندىن سېتىۋېلىنغانلىقىنى، باشقىلار ئېيتقان باھادىن كۆپ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەمما بۇ باياناتچى بۇ سومكىنىڭ ئەمەلىي باھاسى، قاچان، قەيەردىن ئالغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان بولۇپ، پاك گۇنھىنىڭ «قىممەت» سومكا ئىشلەتكەنلىكىگە قارىتا، پاك گۇنھىغا يېقىن بىر كىشى ئىپادە بىلدۈرۈپ، پاك گۇنھىنىڭ بۇلاپكىسىمۇ ئاران 15 مىڭ ياكى 30 مىڭ كورىيە ۋونى ئەتراپىدا، ئۇنىڭ بۇ سومكىسى ھەر قانچە بولسىمۇ بىر مىليون كورىيە ۋونىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، دەپ قارىغان.   

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق