باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
مىجەزىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى خالامسىز؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2013-02-27 17:13:00

 

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مىجەز مۇقىم خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. سىز ئوسال مىجەزىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ.
1. بەدەن چېنىقتۇرۇڭ.
كەيپىياتىڭىز جىددىيلىشىپ قالغان چاغدا، دەرھال يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشسىڭىز ئۇنىڭ ئۈنۈمى خىمىيىلىك دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن ياخشى. چۈنكى، بۇنداق ھەرىكەتلەر يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، بەدەننىڭ كىسلورودقا بولغان ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىدۇ.
2. كىيىمىڭىزنىڭ رەڭگىنى تەڭشەڭ.
قايغۇ-ھەسرەتلىك كەيپىيات ئىچىدە قالغاندا رەڭگى بەك قېنىق كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىڭ.
3. مۇزىكا ئاڭلاڭ.
4. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىڭ.
چىكاگو تېببىي ئىنىستىتۇتىدىكى پىسخولوگلار «كاربون بىرىكمىلىرى ئوزۇقلۇقلىرى پەقەتلا تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئاقسىل ماددىسى مول بولغان ئوزۇقلۇقلار مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان بولسىمۇ، ئەمما، نېرۋا ئاجىزلىقى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنى ئاسانلا ھاياجانلاندۇرۇش رولى تېخىمۇ چوڭ ئىكەن. شۇڭا، مىجەزى چۇس كىشىلەر قەھۋە ئىچىملىكلىرىنى ئىچمەسلىكى كېرەك.
5. كۈن نۇرى بىلەن ئۆزىڭىزنى تاۋلاڭ.

مىجەزى چۇس بولغان بەزى كىشىلەر قىش كۈنلىرى ياكى ھاۋا سوغۇق بولۇپ قالغان چاغلاردا مىجەزىنىڭ تېخىمۇ چۇس بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنى كۆپرەك كۈن نۇرى بىلەن چېنىقتۇرۇش كېرەك. نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە «بۇ خىلدىكى كىشىلەر قىش كۈنلىرى كۆپىنچە سىرتتا كۈن نۇرى كۆپرەك چۈشىدىغان ئورۇنلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى لازىم» ئىكەن.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق