باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئاشقازان كېسىلى بارلار شوۋىگۈرۈچنى كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-08 12:58:28

 

ئاشقازان كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شوۋىگۈرۈچ ئاسان ھەزىم بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، كۆپرەك ئىچىدۇ. ئەمەلىيەتتە دوختۇرلار جىددىي ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلارنىڭ ئاشقازىنىنى بىر نەچچە كۈن ئارام ئالدۇرۇش مەقسىتىدە ئاغرىقنى سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى ئىچىشكە بۇيرۇغاندىن باشقا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاشقازان كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ شوۋىگۈرۈچ ئىچىشىنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. ئادەتتە يېمەكلىكنى يۇمشاق چايناپ، ئاستا يۇتقاندا، يېمەكلىك بىلەن شۆلگەي ئوبدان ئارىلىشىدۇ. شۆلگەي تەركىبىدە كىراخمالنى پارچىلايدىغان ھەزىم قىلىش فېرمېنتى بولۇپ، ئۇ يېمەكلىك بىلەن بىرىككەندىن كېيىن، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى بىلەن قوشۇلۇپ ھەزىم قىلىشنى تىزلىتىدۇ. شوۋىگۈرۈچنى ئىچكەندە، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى بىلەن بىرىكەلمەيدۇ-دە، ئەكسىچە ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز بولىدۇ. شۇڭا ئاشقازان كېسىلى ئاغرىقلىرى شوۋىگۈرۈچنى كۆپ ئىچمەسلىكى، تاماقلارنى يۇمشاق چايناپ يېيىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق