باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋاقتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سائەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-12 17:20:31

 

يېقىندا، لياۋنىڭكدىكى 74 ياشلىق شېن ۋېنيۈەن دۇنيادا بىر تۇتاش ئىشلىتىدىغان ۋاقىت كۆرسەتكۈچ كەشىپ قىلغان بولۇپ، «بىر سائەت ئارقىلىق يەر شارىنى كۆرۈش» نى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۇنىڭ دۇنيادا ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋاقىت كۆرسەتكۈچ سائىتى ئۈستىدە ئون نەچچە دۆلەتنىڭ نامى ئورنىتىلغان بولۇپ، سائەت ئىستىرېلكىسى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋاقتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. 16 يىلنىڭ ئالدىدا شېن ۋېنيۈەن چەت ئەلگە كوماندىروپكىغا چىقىپ، مېھمانساراينىڭ تاملىرىغا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋاقىت كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن ھەمدە كۆڭلىدە بۇنىڭ ئاۋارىچىلىك بولۇش بىلەن بىللە، ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بارلىق ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىدىغان ۋاقىت كۆرسەتكۈچ كەشىپ قىلىش قارارىغا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن شېن ۋېنيۈەن يەتتە يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىزدىنىش ئارقىلىق «دۇنيا سائىتى» گە كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان. بۈگۈنكى كۈندە شېن ۋېنيۈەن بىر سائەت ئارقىلىقلا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋاقتىنى كۆرسىتىدىغان سائەت كەشىپ قىلغان. شېن ۋېنيۈەننىڭ دېيىشىچە، سائەتنى ئېلىپ ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندا ياكى چەت ئەلگە چىققاندا، بۇ سائەتنى ئېلىپ ماڭغۇچى قايسى جايغا بارسا، شۇ جاينىڭ ۋاقتىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق