باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
كۈندە 10 ماقال-تەمسىل11
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-12 18:18:05

 

بۈرگىدەك ئەيىبىم تۆگىدەك كۆرۈندى

مەنىسى:قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئاغرىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

بېخىلنىڭ ئۆلۈكىنى ئىت يېمەس، تىرىكىنى پىت

مەنىسى:بېخىل ئادەملەرنىڭ چاكىنىلىقىغا قارىتىلغان.

بىغەرەزدىن دوزاخ قېچىپتۇ

مەنىسى: غەرەز ئۇقمايدىغان ئادەمدىن ھەممە ئادەمنىڭ بىزار بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بىر ئىت قاۋىسا ھەممە ئىت تەڭ قاۋاپتۇ

مەنىسى: قارىغۇلارچە دورامچىلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

پىخسىقنىڭ پوقىنى چوقۇغان قاغىنىڭ قورسىقى ئاغرىيدۇ

مەنىسى: پىخسىق ئادەمدىن كىشىگە ھەرگىز نەپ كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پۇلسىز ئەر خوتۇنغا جىن كۆرۈنۈپتۇ

مەنىسى: ئەر كىشىنىڭ پۇل تېپىپ ئائىلىنى قامدىغۇدەك ئىقتىدارى بولمىسا ئايال، بالا-چاقىلىرى ئالدىدا ئىناۋىتى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پۇل دېسە توكۇرمۇ ئۇسسۇلغا چۈشەر

مەنىسى: پۇلپەرەسلىك، شەخسىيەتچىلىكنى كۆرسىتىدۇ.

 

پۇلنى تاپار ئەرنىڭ ئېرى، يەپ تۈگىتەر خوتۇنى قېرى

مەنىسى: تەييارتاپ، خىيانەتكار ئاياللارنىڭ ئىسراپخورلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

پىت سەمرىسە ئىت ئورۇقلاپتۇ

مەنىسى: بىراۋنىڭ پايدا ئېلىشى ھېسابىغا يەنە بىرسىنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پىخسىقنى جەننەتكە سۆرىسەڭ، قوتۇر ئۆچكىسىنىمۇ ئېلىپ كىرەر

مەنىسى: پىخسىق ئادەمگە يول قويساڭ، چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق