باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
تاماكىنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-14 11:51:26

تاماكا چەكلەش تەس، لېكىن تاماكا چەكلەشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ تاماكىنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىشى كېرەك. نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى ئاساسەن تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرىۋاتىدۇ، لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ سانىمۇ ئېشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككىنچى قول تاماكا چېكىش قورامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن دۇنيادا تاماكا چېكىش سەۋەبلىك جىنىدىن ئايرىلىدىغان 20 ياشتىن يۇقىرى ئايال، 1 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدىكەن. ئەگەر جىددىي تەدبىر قوللىنىلمىسا، 2030-يىلىغا بارغاندا، بۇ سان 2 مىليون 500 غا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئايالنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى ياش ئۆسمۈرلەر ئىچىدە تاماكا چېكىشنى سىناپ باققانلار %20 دىن ئارتۇق ئىكەن، بۇنىڭ ئۈستىگە دەسلەپ تاماكا چېكىش يېشى يىلدىن يىلغا كىچىكلەپ بارماقتا. ئىلگىرى تاماكا چەككەن ئاياللار ئىچىدە، 13 ياشتىن بۇرۇن تولۇق بىر تال تاماكىنى چەككەنلەرنىڭ نىسبىتى %68.2 بولغان، بۇنى 1998-يىلىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە سېلىشتۇرغاندا، %15 ئاشقان.

بۇ ھەقتە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى گۇاڭفا مۇنداق دېدى: تاماكا چېكىش ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بېرى بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت. ھامىلدار ۋاقىتتا تاماكا چەككەندە، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بالا ساق تۇغۇلغان تەقدىردىمۇ، كېيىن نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ناھايىتى زور بولىدۇ. يەنە تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىككىنچى قول تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىكەن. يەنى ئېلىمىزدە 300 مىليون قورامىغا يەتكەن ئايال ئىككىنچى قول تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق