باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
دې گولنىڭ تاماكا تاشلىشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-14 12:29:41

فرانسىينىڭ سابىق پىرزىدېنتى دې گول ياش ۋاقىتلىردىلا تاماكىغا خۇمار بۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى «قولىدىن تاماكا، ئاغىزىدىن ئىس ئايرىلمايتتى» دەپ مازاق قىلغان. لېكىن، ئۇ 50 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن تاماكىنى بىراقلا تاشلىۋەتكەن، ھەم شۇنىڭدىن كىيىن تاماكىنى ئاغىزىغا ئېلىپ باقمىغان. دې گولنىڭ دوستلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران بۇلۇپ، ئۇنىڭ تاماكا تاشلاش سىرىنى سورىغان، دې گول قىسقىلا قىلىپ: «مۇرەسسە قىلماسلىق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭ تەجىربىسى بۇيچە تاماكا تاشلىماقچى بولغان كىشى ئىرادە ۋە ئىشەنىچ تىكلەشتىن باشقا، ئۆز ھەركىتىگە ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇ تاماكا تاشلىغان كۈندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تاماكا بىلەن ئۇچرىشىشى پۇرسىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئازايىتقان. ئۇ ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ: « تاماكا تاشلاشتا مەغلۇپ بولغان كىشلەر تاماكا چىكىلۋاتقان مۇھىتنىڭ ئېزىقتۇرشىغا تاقابىل تۇرالمىغان كىشلەردۇر» دېگەن. شۇڭا، دې گول بارلىق سورۇنلاردا بىرەرى تاماكا سۇنۇپ قالسا: « مەن تاماكىنى قايتا چەكمەسلىككە ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن، مەن گېپىمدە تۇرىمەن» دەپ رەت قىلغان. تاماكا مۇھىتى بىلەن مۇرەسسە قىلماسلىق-دې گولنىڭ بىر قېتىمدىلا تاماكىنى تۇلۇق تاشلىيالىشنىىڭ سىرى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق