باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئوبامانىڭ تاماكا تاشلىشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-14 12:39:53

ئامېرىكا ئاقسارايىنىڭ باياناتچىسىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئوبامانىڭ تاماكا تاشلاش تىرىشچانلىقى چوڭ نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ ھازىر تاماكا خۇمارى تۇتقاندا سېغىز چايناپ، تاماكا خۇمارىنى باسىدىكەن. ئۇنىڭ ئوبامانىڭ تاماكا چەككىنىنى كۆرمىگىنىگە تەخمىنەن توققۇز ئاي بولغان. ئوباما تاماكا تاشلاشنى داۋراڭ سېلىپ يۈرگىدەك ئىش ئەمەس، چۈنكى تاماكا چېكىشنىڭ ئۆزى بىر ياخشى ئىش ئەمەس دەپ قارايدىكەن. ئۇ بالىلارنىڭ ، ئەلۋەتتە ئۆز بالىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئۆزىنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى بىلىشىنى ھەرگىز خالىمايدىكەن.

ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرى يېقىندا تاماكا تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغاندا مۇنداق دىگەن: «تاماكىنىڭ ئۆپكىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى تىز بولىدۇ.» مۇخبىر باياناتچى گىببىستىن ئوباما بۇ گەپنى ئاڭلىسا قانداق ئىنكاس قايتۇرىشى مومكىن ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، گىببىس مۇنداق دىگەن، ئوباما تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇ تاماكا چېكىشتەك بۇ ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە ناھايىتى تىرىشتى، ھازىر ئۇنى پۈتۈنلەي مۇۋاپىقىيەت قازاندى دىيىشكە بولمايدۇ، تاماكا خۇمارى تۇتقاندا، ئۇ سېغىز چايناپ خۇمارىنى باسىدۇ.

چۈشەندۇرۈشلەرگە قارىغاندا، ئوباما بۇ يىلنىڭ بېشىدا سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، دوختۇر ئۇنىڭغا تاماكا تاشلاشنى تەۋىسيە قىلغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق