باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كۈتۈنۈش ئادەتلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-02 16:03:08

▲گۆشنى ئاز يەپ، پۇرچاق تۈرلىرىنى كۆپ يەپ بېرىڭ. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان«گۆشخۇمارلار»لار بولۇپ، كاۋاپ قاتارلىق گۆشلۈك يېمەكلىكلەر بۇلارنىڭ كۈندىلىك تائاملىرى ھېساپلىنىدۇ، ئۇلار ھەتتا گۆش بولمىسا تاماق يېمەسلىككىمۇ رازى بولۇشىدۇ.

«غىزا تەڭپۇڭلۇق مۇنارى»بويىچە بولغاندا، ئادەم كۈنىگە قوبۇل قىلىدىغان گۆش مىقتارى75 گىرام بولۇشى كېرەك ئىكەن. بولۇپمۇ سېمىزلىك، يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغۇچىلار گۆشنى تېخىمۇ ئاز يېيىشى، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىنى كېرەكلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدىغان ياخشى يېمەكلىكلەردۇر.

▲تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىپ، ئاچچىقسۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىڭ. تۇز بەدىنىڭىزدىكى كالىتسىيغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نورمال بولغان قان بېسىمىڭىزغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆيدە تاماق ئەتكەندە، تۇزنى ئاز ئىشلەتكەندىن باشقا، جياڭيۇ، پەمىدۇر قىيامى، لازا قىيامى قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلارنىڭ ئىشلىتىلىش مىقتارىنى ئامال بار كونترول قىلىش كېرەك. ئاشخانىلاردىكى قىزارتىپ قورۇلغان قورۇما تۈرلىرى، دۈملەنگەن قورۇمىلار، بەرەڭگە قەلەمچىسىنىڭ تەركىبىدىمۇ تۇز تەركىبى كۆپرەك بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل يېمەكلىكلەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

ئاچچىقسۇ بولسا ساقلىقنى ساقلاشتا ئىشلىتىدىغان تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچ ھېساپلىنىدۇ. قورۇما قورۇغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قېتىۋېتىش كېرەك، ئۇن تائاملىرىغا مۇۋاپىق مىقتاردا ئاچچىقسۇ قېتىۋەتسە تەركىبىدىكى كالىتسىي مىقتارىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردىمى بولىدۇ.

▲كىيىمنى ئاز كىيىپ، كۆپ يۇيۇنۇڭ.

بەك قېلىن كىيىنىۋىلشنىمۇ بەدەنگە پۈتۈنلەي پايدىلىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. مۇۋاپىق، سالقىن كىيىملەرنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش رولى بار. ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش ھەم چارچاشنى تۈگىتىشكە ھەم ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاشقا ياردىمى بار، بولۇپمۇ يۇيۇنغاندا ئازراق ئۇششاق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بېرىش، يەنى قول ئالقىنى بىلەن قورساق قىسمىنى سائەت ئىستېرىلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، سۇ چۈشۈۋاتقاندا يۈزىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، چارچاشنى پەسەيتىدۇ. سەھەر ۋاقتى بولسا يۇيۇنۇشنىڭ ياخشى پەيتى بولۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

▲ ئاز يەپ، كۆپ چايناڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ ئېغىزىنى باشقۇرۇشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، تۆۋەندىكى چارىلەرنى سىناپ كۆرۈڭ. قورسىقىڭىز ئازراق ئاچقىنىنى ھېس قىلغاندا تاماق يەڭ ھەمدە تاماق يېيىش ۋاقتىڭىز مۇقىم بولسۇن؛ تاماقنى ئازراق ئېلىڭ ياكى تېيىز تەخسە ياكى سۈزۈك قاچىلارنى ئىشلىتىڭ؛ تاماق يېيىشكە ئاز دېگەندىمۇ 20 مىنۇت سەرپ قىلىڭ، چۈنكى تاماق يېيىىشكە باشلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن چوڭ مېڭە تويۇنۇش سىگنالىنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئادەتتە ھەر ئېغىز يېمەكلىكىنى15دىن 20 قېتىمغىچە چاينىسا ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بولۇپ، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە تېخى جىددىيلىك ۋە تىت-تىت بولۇش كەيپىياتىنى پەسەيتىدۇ. كىچىك قوشۇق بىلەن تاماق يېيىشكە ئادەتلىنىڭ ھەم ھەر بىر ئېغىز تاماقنى تولۇق چايناشقا كاپالەتلىك قىلىڭ.

▲دورىنى ئاز يەپ، كۆپ چېنىقىڭ.

ئادەتتە قانچىلىك مەرد بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، دورا يېيىشكە كەلگەندە «پىخسىق»راق بولۇڭ، ئادەتتىكى زۇكام، شامالداش دېگەندەك كىچىك كېسەللەرگە ئالدىراپ دورا يېمەسلىك كېرەك. ياشانغانلار يەنە ياشقا چوڭايغانسېرى دورا مىقتارىنى ئازايتىشى، 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ دورا ئىشلىتىش مىقتارى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىغا توغرا كېلىشى، دورا مىقتارىنى ئۆزلۈكىدىن ئاشۇرۇۋالماسلىقى ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل دورىنى تەڭ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر چېنىقىش ئادىتى يېتىلدۈرۈلمىسە يېگەن دورىنىڭ ئۈنۈمى نۆلگە تەڭ بولىدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ھەر كۈنى 15 مىنۇت بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئۆمۈرنى ئۈچ يىل ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. مەسىلەن: تېز يول مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلسىپىت مىنىش قاتارلىق ھەرىكەت تۈرلىرىنى ئەڭ ياخشى«دورا»دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

▲ماشىنىغا ئاز ئولتۇرۇپ، پىيادە مېڭىڭ.

بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، ماشىنا بىلەن ئىشقا بېرىپ-كېلىدىغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، تەخمىنەن %25 ئادەم پىيادە مېڭىش ئادىتىنى تاشلىۋەتكەن. كۈنبويى ماشىنا بىلەن يول يۈرىيدىغانلارنىڭ تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى پىيادە يول يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان كىرىشلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ يۇقىرى تۇرىدىكەن، ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر خىزمەت ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ ھەرىكەتتىن قاچىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۈنىگە 30 مىنۇت يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش دېگەندەك ئوكسېگىنلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەرسە، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.

▲ئاز تەلەپ قىلىپ كۆپ تەقدىم قىلىڭ.

بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، تۇرمۇشتا تونۇمايدىغان كىشىلەرگە قەغەز، قەلەملىرىنى ئارىيەت بېرىپ تۇرۇش،، ئىئانە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش... دېگەندەك باشقىلارغا كۆپرەك ياردەم قىلىپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن. كىچىككىنە ياخشىلىق سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىڭىزنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، سىزگە خوشاللىق ئاتا قىلىپ زېرىكىش كەيپىياتىڭىزنى ئاللىقاياقلارغا ھەيدەپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى نەرسىلەرنى ئۆزىڭىز يالغۇز يېمەي،باشقا دوستلىرىڭىز بىلەن بەھرلىنىڭ؛ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىرىنى ئامال بار ئۆزىڭىز قىلىپ، باشقىلارغا قانداق ياردىمىڭىز تېگىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈڭ.

▲ئاز غەم قىلىپ، كۆپ كۈلۈڭ.

يۈز-ئابروينى بەك چوڭ بىلىپ كېتىش-كىبىرلىك قىلىش، بالا ۋە تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى، خىزمەت، تۇرمۇش بېسىملىرى دەستىدىن ھەممە كىشىلەر غەم-قايغۇ سايىسىدىن ئەگىپ كېتەلمەي يۈرىدۇ. نىمىشقا باشقا بىر خىل كەيپىيات بىلەن بۇ ئىشلارغا يۈزلىنەلمەيمىز؟ تۆت ياشلىق بالا ھەر تۆت مىنۇتتا بىر قېتىم كۈلىدۇ، چوڭلارمۇ ھېچ بولمىغاندا سائىتىگە بىر قېتىم بولسىمۇ كۈلۈشى كېرەك. كۈلۈش ئۆپكە سېغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە سىزنىڭ ئوزۇقلىنىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ ۋە يۈركىىڭىزنى ياخشىلايدۇ. 15 مىنۇت قاقاقلاپ كۈلۈش 40 كالورىيە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى خورىتالايدۇ.

ھەرقانداق ئادەمنىڭ كەيپىياتى تۇيۇقسىز ناچارلاپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە چوقۇم«كەيپىياتنى قۇتقۇزۇش جىددىي ساندۇق»ى بولسۇن يەنى ناخشا ئاڭلاش،بىر نەچچە مەيدان يۈگۈرۈش،مەلۇم بىر جايغا بېرىپ ياخشى يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىش، بالىلار بىلەن بىللە بولۇش، ئۈچىرەت ساقلىغاندا باشقىلار بىلەن كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق سالاملىشىش، كۈلكىنى خۇددى قۇياشقا ئوخشاش تۇرمۇشىمىزغا نۇر چاچقۇزۇش،شۇنىڭ بىلەن بىللە قەلبىمىزنى ئىللىقلىققا تولدۇرۇش.

▲ئاز سۆزلاپ، كۆپ ئىش قىلىڭ.

ساغلاملىق پىلانى پەقەت ئېغىزدا دەپ قويۇش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بەزى كىشىلەر«يېتەرلىك ئەمەس،داۋاملاشتۇرۇش قىيىنكەن»دېگەنلەرنى باھانە قىلىۋالىدۇ. كۈنبويى بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ چۈشمەسلىكىدىن ھەم قورسىقىڭىزنىڭ بارا-بارا تومپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنغاندىن كۆرە، مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىڭ، بولمىسا مەڭگۈ باشقىلارنىڭ چىرايلىق بەدەن شەكلى ۋە چىرايىغا كۆزىڭىزنى پارقىرتىپ قاراپ قالىسىز. شۇڭا ھازىردىن باشلاپ بىر ناچار ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق