باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئەرلەرنى بېسىپ چۈشىدىغان 10 مەشھۇر ئايال
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-05 15:12:21

1.ھىلارى كىلىنتۇن

ھىلارى 1947-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇ كىچىكىدىنلا ئائىلىسى ۋە خىزمىتىگە سادىق بولۇش ئۈچۈن ئاساس سالغان ھەم ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭى تۇرغۇزغان. ئۇ 1996-يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقاندا مەكتەپدېشى بىل كلىنتون بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان. كلىنتون پىرېزىدېنتلىق ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ھىلارى سىياسىي ئىشلارغا پائال قاتناشقان، 2000-يىلى نيۇ-يورك شتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدا ھۆكۈمەتتە ئەمەل تۇتقان تۇنجى سابىق «1-خانىم» بولۇپ قالغان.

2. جوخاننا سىگۇردار دوتتىر

ئىسلاندىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى، 66 ياشلىق جوخاننا سىگۇردار دوتتىر ئىسلاندىيىدە جامائەتنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى. جامائەت ئۇنى «مۇقەددەس جوخاننا» دەپ ئاتايدۇ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغلىرىدا مېيىپلەر، ياشانغانلار ۋە ئاجىزلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ئۇتۇق قازانغانلىقىنى تەرىپلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوخشاش جىنىسلار مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ 2002-يىلى ئايال مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى يۆنىنا لېز دوتتىر بىلەن توي قىلغان.

3. ئانجېلا مېركېل

ۋەزىپىسى: گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى

مېركېل 1954-يىل 6-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان، كېيىن گېرمانىيىنىڭ شەرقىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان. 1989-يىلى بېرلېن تېمى ئۆرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، مېركېل سىياسىي پائالىيەتلەرگە پائال ئاتلىنىپ، شەرقىي گېرمانىيىدىكى «دېموكراتىك قەد كۆتۈرۈش» تەشكىلاتىغا قاتناشقان، كېيىن يەنە شەرقىي گېرمانىيە دەۋرىدىكى ئاخىرقى ھۆكۈمەتكە كىرىپ، ئەينى چاغدىكى زۇڭلىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى بولغان. مېركېل يەنە ئاياللار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر مىنىستىرى ۋە مۇھىت مىنىستىرى بولغان، 2005-يىلىدىكى گېرمانىيە فېدېراتسىيىسى باش مىنىستىر سايلىمىدا كۆپ ئاۋاز بىلەن زۇڭلىلىققا سايلىنىپ، گېرمانىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال باش مىنىستىر بولغان.

4.ئېلىزابېتⅡ

ۋەزىپىسى: ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى

ئېلىزابېتⅡنىڭ تولۇق نامى «بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى. ئۇ 1926-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى لوندوندا تۇغۇلغان، ئەسلىي ئىسمى ئېلىزابېت ئالىكساندېرا مارى، ئۇ ئەنگلىيە ۋېندسور خانلىقىنىڭ 4-ئەۋلاد پادىشاھى، ئەنگلىيە پادىشاھى جورجىⅥنىڭ چوڭ قىزى. ئېلىزابېتⅡ 1951-يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيە پادىشاھى جورجىⅥگە ۋاكالىتەن ھەرخىل رەسمىي سورۇنلارغا قاتناشقان، 1952-يىلى تەختكە ۋارىس بولغان. ئايال پادىشاھ ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت باشلىقى، شۇنداقلا يەنە ئەنگلىيىدىن باشقا ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ دۆلەت باشلىقى.

5.كوندولىزا رايىس

ۋەزىپىسى: ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى

رايىس سابىق كلىنتون ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى ئالبرايتتىن كېيىن ئامېرىكا تارىخىدا دۆلەت كاتىپى بولغان 2-ئايال. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بۇش ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق ئايال» دېگەن. گەرچە ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپىلىق ۋەزىپىسىدىن قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ جەزبدارلىقى ۋە تەسىر كۈچى يەنىلا ئاجىزلاشقىنى يوق.

6.كرىستىنا فېرناندېز

ۋەزىپىسى: ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى

كرىستىنا 1953-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى بۇئېنوس-ئايرېستا ئادەتتىكى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئۇ نېستور كىرچنېر بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەم 1975-يىلى توي قىلغان. كرىستىنا 1983-يىلى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان، تۆت قېتىم فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2007-يىلى 7-ئايدا كرىستىنا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى−«غەلىبە سېپى»نىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بولغان ھەم ٪46 ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلىپ، ئارگېنتىنا تارىخىدىكى خەلق سايلىغان تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولغان.

7. يۇلىيە تىموشېنكو

ۋەزىپىسى: ئوكرائىنا سابىق باش مىنىستىرى 

ئوكرائىنادا  تاراتقۇلار ئىلگىرى تىموشېنكونى «سۇمرۇغ» دەپ تەرىپلەيدۇ. تىموشېنكو 1960-يىلى دۇنياغا كەلگەن،«فوربېس» ژۇرنىلى ئۇنى «دۇنيادىكى چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلىگەن 3-ئايال» قاتارىغا كىرگۈزگەن، كانادانىڭ «دۇنيا پوچتا گېزىتى» ئۇنىڭغا «سىياسىي ساھەدىكى ساھىبجامال» دەپ باھا بەرگەن.

8.كامېكو چاكون

ۋەزىپىسى: ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى

كامېكو چاكون ئىسپانىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش قوزغىغان ئايال. چاكون ئىچكى كابىنېت ۋەزىرى بولغان، دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بولغان چېغىدا قورسىقىدىكى بالىسى يەتتە ئايلىقتىن ئاشقان بولۇپ، «ھامىلىدار دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى» دەپ ئاتالغان. چاكون ئىسپانىيە ئارمىيىسىدىكى 130 مىڭ ئەسكەرنىڭ قوماندانى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىسپانىيىنىڭ مەخپىي ئاخبارات ئورگىنىنىڭمۇ مەسئۇلى. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زاتلار «ھامىلىدار ئايال مۇشۇنداق ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالارمۇ؟» دەپ ئەندىشە قىلغانىدى. ئەمما چاكون ئېغىرئاياغ مەزگىلىدىمۇ تۇيۇقسىز ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇرغان

9. رانىيە

ۋەزىپىسى: ئىئوردانىيە خانىشى

خانىش رانىيە پەلەستىن ئەۋلادى. 1970-يىلى كۇۋەيتتە تۇغۇلغان، مىسىرنىڭ قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىئوردانىيە پايتەختى ئامماندا خىزمەت قىلغان، 23 ياشلىق رانىيە مەلۇم زىياپەتتە ئىئوردانىيە ۋەلىئەھدىسى ئالدۇللا بىلەن تونۇشۇپ توي قىلغان. رانىيە ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، كىشىلەر ئۇنى «ئەرەب دۇنياسىدىكى دېئاننا» دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئالدۇللا 1999-يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن رانىيە دۇنيادىكى ئەڭ ياش خانىش بولۇپ قالدى.

10. زىپ لىۋنى

ۋەزىپىسى: ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى

لىۋنى 49 ياش، ئىلگىرى مەشھۇر جاسۇسلۇق ئورگىنى «موساد»تا خىزمەت قىلغان. 2006-يىلى 1-ئايدا ئىسرائىلىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئىسرائىلىيە تارىخىدىكى 2-ئايال مىنىستىر بولۇپ قالغان. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنى: «تىكىنى بار ئەتىرگۈل»گە ئوخشىتىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق