باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئادەمسىز كۆرۈنمەس چارلىغۇچى كاتېر لايىھەلەندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-08 17:47:19

 

ئەنگىلىيەدىكى «پوچتا گېزىتى» تور بېكىتى يېقىندا مۇنداق خەۋەر بەردى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا ئادەمسىز كۆرۈنمەس چارلىغۇچى كاتېرنىڭ لايىھەسىنى پۈتكۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، ئۇزۇنلۇقى 10.6 مېتىر كېلىدىغان بۇ خىل كاتېر خۇددى جاسۇسقا ئوخشاش دېڭىز-ئوكياندا يۈرۈپ دېڭىزدىكى نىشانلارنىڭ ئورنىنى بېكىتەلەيدىكەن. ئېيتىلىشىچە، «ئاي تۇتۇلۇش» دەپ نام بېرىلگەن بۇنداق كاتىر دۇنيادا 2-بىر دۆلەتتە يوق ئىكەن، ئامېرىكىمۇ تېخى ئۇنىڭ لايىھەسىنىلا تۈزۈپتۇ.

«ئاي تۇتۇلۇش» ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئىزچىل كۆرۈنمەس ھالەتنى ساقلايدىكەن، ئۇنىڭغا دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەرلىك قورال-ياراغ سەپلىنىدىكەن، سائىتىگە 96 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن چارلاش ئېلىپ بارالايدىكەن، ھەرىكەت دائىرىسى 1100 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن، بىر قېتىم ماي قاچىلىسا 10 كۈن چارلاش ئېلىپ بارالايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭغا ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سىن ئاپپاراتى سەپلەنگەن بولغاچقا، كېچىدىمۇ چارلاش ئېلىپ بارالاپلا قالماستىن، يەنە رادىياتسىيەلىك خىمىيەلىك ماددا، سۇ مىناسى ۋە دېڭىز قىنىنى چارلاپ ئانالىز قىلالايدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق