باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
چىش دوختۇرى خىزمەتچىسىىڭ گۈزەللىكىدىن ئۇنى ئىشتىن بوشاتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-09 16:12:21

سىنگاپور «ئەتىگەنلىك بىرلەشمە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر چىش دوختۇرى خىزمەتچىسىنىڭ ھۆسىن-جامالىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكى سەۋەبتىن ئۇنى ئىشتىن بوشاتقان بولۇپ، ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىشتىن بوشاتقانلىقىنى قانۇنلۇق دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

ئىئوۋا شىتاتلىق چىش دوختۇرى 53 ياشلىق نايت ئايالى بىلەن سوت مەھكىمىسىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى مېلىسا نارسۇننىڭ ئادەمنى بەك مەھلىيا قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نىكاھىنى بۇزۇۋېتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇنى ئىشتىن بوشىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان. 32 ياشلىق مېلىسا نايتنىڭ چىش ئامبولاتورىيىسىدە 10 يىل ياردەمچى بولغان، ئەمما بۇ بىر نەچچە ئايدا، نايت مېلىسانىڭ يۈرۈش تۇرۇشىدىن كۆپ قېتىم ئاغرىنغان. نايت بىلەن مېلىسانىڭ ھەر ئىككىلىسى توي قىلىپ بولغان، بالىلىرى بار ئىكەن. ئۇلار ئۆز-ئارا قىسقا ئۇچۇر يوللىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئىشلىرى ۋە ئائىلىسى توغرۇلۇق پاراڭلىشىدىكەن. ناينىڭ ئايالىمۇ بۇ چىش ئامبولاتورىيىسىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قالغان ۋە ئىشنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئېرىدىن مېلىسانى ئىشتىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئىككەيلەن كېيىن چېركاۋدىكى مۇناستىرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، نايت مېلىسانى ئىشتىن بوشاتقان ۋە ئۇنىڭغا بىر ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتى بەرگەن.

نايت يەنە مېلىسانىڭ ئېرىگە ئۆزىنىڭ مېلىساغا بەك مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان، مېلىسا بۇنى بۇنىڭدىن ھەيران قالغان ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنى دادىسى ئورنىدا كۆرىدىغانلىقىنى، ئەزەلدىن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىچە مۇناسىۋەتنىڭ بولمىغانلىقىى ئېيتقان. مېلىسا ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن نايتنىڭ ئىشتىن بوشىتىشى جىنسىي كەمسىتىش دەپ قاراپ، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان ۋە ناۋادا ئۆزى ئەر كىشى بولغان بولسا بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيتتى دېگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق