باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
تاماق توشۇيدىغان «ئۇچار تەخسە»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-11 14:09:09

 

يېمەك-ئىچمەك كەسپىدە يېڭى ئامال-چارىلەر توختىماي مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. يېقىندا لوندوندىكى «يوسۇشى» ناملىق بىر ياپونىيە ئاشخانىسى مۇلازىمسىز تاماق توشۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كىشىلەر جەلپ قىلدى.

بۇ ئاشخانىدا «itray» ئىسىملىك كاربونلۇق تالادىن تۈزۈلگەن، تۆت كىچىك پىرقىرىما قانىتى بار، تاماق توشۇيدىغان ئۇچار تەخسە سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇ سېكۇنتىغا 11 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇچالايدىكەن. ئۈنۈملۈك ئۇچۇش ئارىلىقى 50 مېتىر ئىكەن.

تاماق توشۇغاندا، مۇلازىم تىزگىنەك ئارقىلىق بۇ ئۇچار تەخسىنى باشقۇرۇپ، تاماقنى خېرىدارلارغا بىخەتەر يەتكۈزىدىكەن. ئاشپەزلەرمۇ بۇ ئۇچار تەخسىدىكى كامېرا ئارقىلىق تاماقنىڭ ئۈستەلگە چىققان-چىقمىغانلىقىنى كۆرەلەيدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق