باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
قېرىشنى تېزلىتىدىغان يەتتە خىل ئەھۋال
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-06 13:33:22

 

ئامېرىكىلىق ھۆسىن تۈزەش مۇتەخەسسىسلىرى قېرىشنى تېزلىتىدىغان يەتتە خىل ئامىلنى يەكۈنلىدى:

قاش تېرىش: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قاشمۇ شالاڭلايدۇ، شۇڭا قاشنى تېرىماسلىق كېرەك.

چىش رەڭگى ئۆڭۈش: چىشتا قاتتىق نەرسىلەرنى چىشلەش چىشنى زەخمىلەندۈرىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چىش ئىمال ماددىسى بۇزۇلىدۇ، رەڭگى ئۆڭىدۇ.

قۇلاق يۇمشىقىدىكى تۆشۈك: دائىم چوڭ ھەم ئېغىر ھالقىلارنى تاقىغاندا، قۇلاق يۇمشۇقىدىكى تۆشۈك يوغىناپ كېتىدۇ.

بويۇن تېرىسى نېپىزلايدۇ: تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، ياغ توقۇلمىسى ئازىيىدىغان بولغاچقا، بويۇندا تېرە ساڭگىلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

قورساق سېلىش: قورساق سېلىش ئادەمنى تېخىمۇ قېرى كۆرسىتىدۇ.

پۇت يىرىكلەش: پۇتنى ياخشى ئاسرىمىغاندا، قېرىغاندا پۇتقا قاداق چۈشىدۇ، يىرىكلەيدۇ، شۇڭا پۇتنى زەيتۇن يېغى بىلەن پەرۋىشلەش كېرەك.

كۆك قان تومۇر پولتىيىش: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، قولنىڭ تېرىسى نېپىزلەپ كۆك قان تومۇرلار پولتىيىپ قالىدۇ، شۇڭا قول تېرىسىنى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق