باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن لابرادور ئىتىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 17:27:19

ئەنگلىيەدىكى بىر ئېغىرلىقى ئارتىپ كەتكەن لابرادور ئىتىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەن، بۇ ئىتنى مال دوختۇرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، تۆت ئادەم بىرلىكتە كۆتۈرۈپ ئاران ئاپارغان.

بۇ 12ياشقا كىرگەن لابرادور ئىتىنىڭ ئېغىرلىقى 80كىلوگرام بولۇپ، نورمال لابرادور ئىتىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئۈچ ھەسسە ئېغىركەن. بىپەرۋا ئىگىسى ئۇنىڭغا يېمەكلىكنى بەك كۆپ بېرىۋەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى شىددەت بىلەن ئارتىپ كەتكەن، ئۇ سەمىرىپ كەتكەنلىكتىن تۇرالمايدىغان، نەپىسى قىينىلىدىغان، مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قالىدىغان قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن. بۇ بودەك ئىتنى مال دوختۇرىغا ئاپىرىش ئۈچۈن، تۆت ئادەم ئۇنى ئەدىيالغا ئوراپ، تۆت تەرەپتىن ئاران كۆتۈرگەن. ئۇ ھازىر مال دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا «ئورۇقلاش پىلانى»نى باشلاپتۇ. ئۇ كۈندە ئىككى ۋاقلا نەرسە يەيدىغان بولۇپ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكتىن ئۆزىنى تارتقان، خىزمەتچى خادىملار ئۇنى سىرتتا سەيلە قىلدۇرۇدىكەن.
ئۇنىڭ ئورۇقلاش پىلانى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ھازىر 28 كىلوگرام ئورۇقلىغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق