باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
بەشكېزەك يەڭگىگەن ئايال
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 17:34:21

ئاۋسترالىيىدىكى 48 ياشلىق ئايالنىڭ ئىلگىرى 12 بالىسى بار بولۇپ، ئۇ  يەنە بەشكېزەك تۇغقان. شۇ يەرلىك داۋالاش مەركىزىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئايال بۇ جايدا ئىككى ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز تۇغۇپتۇ، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىز بوۋاق بەختكە قارشى قازا قىلغان. قالغان تۆت بوۋاقنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ھازىر ئانىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. تەبىئىي ھالدا بەشكېزەك يەڭگىش دۇنيادا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، بۇنداق تۇغۇش نىسبىتى تەخمىنەن 55 مىليوندەن بىر ئىكەن. بۇ مۇشۇ رايوندىكى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۇغۇلغان بەشكېزەك ئىكەن. بۇ يەردىكى تۇنجى بەشكېزەك 1980-يىلى تۇغۇلغان، ئەمما 11 ھەپتە بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق