باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
دېڭىز ئاستىدىكى جانلىقلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 17:36:09

1.توراي قاراقچى سىياھ بېلىقى

توراي قاراقچى سىياھ بېلىق دېڭىز يۈزىدىن 200 مېتىردىن 1000 مېتىرغىچە بولغان چوڭقۇر جايلاردا ياشايدىغان بولۇپ، دائىم كۆزىنى يۇقىرىغا قىلىپ، ئوڭدىسىچە سۇ ئۈزىدۇ، سەزگۈ قولى توراينىڭ بېشىدىكى بىر ئوچۇم تۈككە ئوخشايدىكەن.

2.قان شورىغۇچى قاراقچى سىياھ بېلىقى

1930-يىلى گېرمانىيىلىك باش ئاياغلىق جانلىقلار ئالىمى كارىل.چان تۇنجى بولۇپ بۇ خىل جانلىقنى خاتىرلىگەن، بۇ خىل جانلىقنىڭ قىزىل چوڭ كۆزى ۋە قارا <<چىغ قالپىقى>> كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ.

3.چوڭ كاكىنەچ قاراقچى سىياھ بېلىقى

ئىلمەك تىرنىقى بار سىياھ بېلىق دېگەن مەنىدە. بۇ خىل بېلىقنىڭ بەدەن ئۇزۇنلىقى12 مېتىردىن 14 مېتىرغىچە، ئېغىرلىقى 500 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. بۇ رېئاللىقتىكى دېڭىز ئالۋاستىسى بىردىنبىر ئىپار كىتى بىلەن كۈچ سىنىشالايدىغان جانلىقتۇر، ئەلۋەتتە ئەڭ ئاخىرقى نۇسرەت قازانغۇچى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىپار كىتىدۇر، ئەمما سىياھ بېلىمۇ ئىپار كىتىنىڭ ئۈستىدە قان شورىغۇچى ئىلمەكلىرىنىڭ ئىزىنى قالدۇرالايدۇ. بۇ خىل بېلىق قاراڭغۇ، سوغۇق بولغان جەنۇبى قۇتۇپقا ماكانلاشقان، گەرچە ناھايىتى ئاز كۆرۈلسىمۇ ئەمما نۇرغۇنلىغان خەۋەرلەردە، رىۋايەتلەردە، كېمىچىلەرنىڭ ھېكايىلىرىدا ئۇچرايدۇ، ئەلۋەتتە كۆپىنچىسى بەك ئاشۇرۇۋېتىلگەن. گەرچە ئۇلار بىردىنلا چوڭ كېمىنى ئۆرىۋېتەلمىسىمۇ، ئەمما تەخسىدەك چوڭ كۆزلىرى بىلەن ناھايىتى يىراقتىن كېلىۋاتقان كېمىلەرنى بايقىيالايدۇ.

4. خرۇستال قاراقچى سىياھ بېلىقى

بۇ بېلىق ئۆتكۈزۈشچان قاراقچى سىياھ بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ بىر تۈردىكى قاراقچى سىياھ بېلىقلىرىنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى، بۇ بېلىقنىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرى سۈزۈك شەكىلدە. ئۇلارنىڭ يېرىم ئۆتكۈزۈشچان، سىلىندىرسىمان بەدىنىدە نەچچە ئون تال ئۆسۈكچىلەر بار. خەتەرگە ياكى ئولجا ئىزدەۋاتقانلارغا يولۇققان چاغدا بېشى بىلەن سەزگۈ قولىنى ئۆسۈكچىلەرگە تولغان سىرتى قاپنىڭ ئىچىگە خۇددى تاشپاقىنىڭكىگە ئوخشاش يىغىۋالىدۇ، ئەمما تاشپاقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى قارا سىياھنى سىرتقى قاپنىڭ ئىچىگە قۇيۇپ بېرىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزىنى قاپقاراڭغۇ دۇنياغا يوشۇرالايدۇ.

5. ئۇخلاش كىيىمى كىيگەن قاراقچى سىياھ بېلىقى

ئەمەلىيەتتە بۇ بېلىقمۇ سىياھ بېلىقنىڭ بىر خىل تۈرى، بىراق سىرتقى قىياپىتى ئالاھىدە بولغاچقا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىلگەن. ئۇخلاش كىيىمى كىيگەن قاراقچى سىياھ بېلىقىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلىقى ئارانلا 5 سانتېمېتىر كېلىدۇ، گەرچە تاشقى كۆرۈنىشى ئوماق بولسىمۇ لېكىن ئاز ئۇچرايدىغان زەھەرلىك. سىياھ بېلىققا ئوخشاش ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبى، تېچ ئوكيان ۋە ئاۋىستىرالىيە ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونلىرىدا ياشايدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى شەكلىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى ئامېرىكىلىق لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئىلھامىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭ بىر جۈپ قولغا ئوخشايدىغان، كۆزىنىڭ ئارقىسىدىن سوزۇلۇپ چىققان ئۇزۇن سەزگۈ قولى ئەڭ ئالاھىدە ھېسابلىنىدۇ.

6. تىنچ ئوكيان سكۇئىد بېلىقى

بۇ خىل بېلىقلارنىڭ بوشلۇققا كۆتۈرلۈپ چىقالايدىغان قېتىم سانى كۆپ ئەمەس، ئەمما ئۇچقان چاغدىكى كۆرۈنىشى تولىمۇ ھەيۋەت. بەزىلەر ئۇلارنىڭ 50 مېتىر كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن. گەرچە تىنچ ئوكيان سكۇئىد بېلىقى دېڭىزدىن بوشلۇققا كۆتۈرەلەلەيدىغان بىردىنبىر ھايۋان بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتە يەنىلا قالتىس ھېسابلىنىدۇ. بىراق بوشلۇققا كۆتۈرۈلسىلا بىخەتەر بولىشى ناتايىن، چۈنكى بوشلۇقتا ساقلاپ تۇرۇۋاتقان بورانقۇش قاتارلىق دېڭىز قۇشلىرى بار، ئۇ ئېگىز كۆتۈرۈلسە ئۇنى يەۋېتىشى مۇمكىن.

7. ئامېرىكا قىزىل قاراقچى سىياھ بېلىقى

ئامېرىكا قىزىل قاراقچى سىياھ بېلىقى پېرو بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1.75 مېتىرغىچە ئۆسەلەيدۇ، ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام ئەتراپىدا. ئۇلار بىز دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان چوڭ قاراقچى سىياھ بېلىقلارنىڭ بىرى. ئەمما سەمىڭىزدە بولسۇنكى ئۇلارنىڭ << ئالۋاستى >> دەپ ئاتىلىشىمۇ سەۋەبسىز ئەمەس. بۇ خىل بېلىقلار ناھايىتى ئەقىللىق ھەمدە شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ نۇرغۇن دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشچە غەۋۋاسلارنىڭ يۈز قالپىقى، گاز قۇتىسى تەڭشىگۈچىسى، ھاۋا يۇمشاق نەيچىسى ۋە باشقا ئۈسكۈنىلىرىنى بۇزىۋىتىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق