باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئاياللارنىڭ ئۇچۇش تارىخى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:21:48

بۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئايال-سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى جىلىشىكۋا

1963-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۇنيادىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئايال جىلىشىكۋا ‹‹شەرق 6-نومۇر›› ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن بۇيان، ھازىرغىچە نەچچە ئون ئايال ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش جېڭىگە قاتناشتى. ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئەرلەر بىلەن ئوخشاشلا، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

1984-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇچقۇچىسى سىۋىتىلاننا ساۋىسكايا يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىپ، ‹‹ئىتتىپاق T—12›› نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىن يەر يۈزىگە چۈشۈپ، 13 كۈنلۈك ئالەم بوشلۇقى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى مى جىمىسىن بولۇپ، 1987-يىلى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش سىنىقىغا قاتناشقان ۋە 1992-يىلى 9-ئايدا ‹‹ئىلگىرلەش›› نانلىق ئالەم ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، 190 سائەتتىن كۆپرەك ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش سەپىرىنى تاماملىغان.

رۇسىيىنىڭ ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى كونداكىۋا دۇنيادىكى ئالەم بوشلۇقىدا ئەڭ ئۇزۇن تۇرغان ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ، 1994-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ‹‹ئىتتىپاق TM20 ››ناملىق ئالەم كېمىسىدە باشقا ئىككى نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن تىنچلىق ئالەم پونكىتىغا يېتىپ بېرىپ، 169 كۈندىن كېيىن 1995-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەن.

1995-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېلىن خېرىنس ‹‹بايقاش›› ناملىق ئالەم ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان. خېرىنس 1999-يىلى 7-ئايدا تارىختىكى تۇنجى ئايال ئالەم ئايروپىلانى قوماندانى بولۇپ، ‹‹كولومبىيە›› نانلىق ئالەم ئايروپىلانىنى ھەيدەپ، 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئۇچقان.

2001-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، فرانسىيىلىك ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى كرود ئېنىر خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا 10 كۈنلۈك ۋەزىپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن يەر يۈزىگە قونغان. ئۇ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قەدەم قويغان ياۋروپالىق تۇنجى ئايال.

1991-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئەنگلىيىلىك تۇنجى ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى خېلېن سارمان لوندون ئەنگلىيە خان جەمەتى ئالەم بوشلۇقى ئىلمىي جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا زىيارەت قوبۇل قىلغان. شۇ يىلى 27 ياشقا كىرگەن سارمان 1991-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىككى نەپەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن ‹‹ئىتتىپاق TM-12›› ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، تىچلىق ناملىق ئوربېتىدىكى پونكىتتا سەككىز كۈن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق