باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
دۇنيادىكى سېمىزلىك خەۋپى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-26 18:44:36

ئەنگىليە لوندون سەھىيە ۋە ئىسسىق بەلۋاغ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ دۇنيا نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىدىنمۇ ئېغىر بولغان، ئۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمى ئېغىرلىقى 287 مىليون توننا كېلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە زىيادە سېمىز ۋە سېمىز كىشىلەرنىڭ ئومۇمى نوپۇس سانى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى سېلىشتۇرمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 مىليون ۋە 3 مىليون 500 مىڭ كىلوگرام بولغان، ئەمما شىمالى ئامېرىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمى ئېغىرلىقى پۈتۈن دۇنيا سېمىز كىشىلىرى ئومۇمى ئېغىرلىقىنىڭ 3 دىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ 2005-يىلى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 62 كىلوگرام بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، شىمالى ئامېرىكا كىشىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 80.7 كىلوگرام، ئەمما ياۋروپالىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 57.7 كىلوگرام بولغان. ئاسىيا نوپۇسى گەرچە پۈتۈن دۇنيا ئومۇمى نوپۇسىنىڭ %61 نى ئىگىلىگەن بولسىمۇ،ئەمما سېمىزلىك ئومۇمى نىسبىتى دۇنيا ئومۇمى ئېغىرلىقى نىسبىتىنىڭ %13 نى ئىگىلەيدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇھىتنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا ھەر قانداق ئادەم ناھايىتى ھەيران قالىدىكەن، ئەمما ئۇنىڭدىكى مۇھىم مەسىلە بولسا قانچىلىك تاماق يېيىش بولماستىن،بەلكى قانچىلىك ئادەمنىڭ تاماق يېيەلىشى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەن. ئەگەر ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىق نىسبىتى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىق نىسبىتىگە يېقىنلاشسا، ئۇ ھالدا پۈتۈن دۇنيا نوپۇسى نەچچە ئون مىڭ توننا ئېغىرلاپ كېتىدىكەن. تەكىتلەپ ئېيتقاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ئېلىپ كېلىدىغان خەتەر پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىدىنمۇ ئېغىر بولغان، ئۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمى ئېغىرلىقى 287 مىليون توننا كېلىدىكەن،بۇنىڭ ئىچىدە زىيادە سېمىز ۋە سېمىز كىشىلەرنىڭ ئومۇمى نوپۇس سانى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى سېلىشتۇرمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇنداق بولغان يەنى 15 مىليون ۋە 3 مىليون 500 مىڭ بولغان،ئەمما شىمالى ئامېرىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمى ئېغىرلىقى پۈتۈن دۇنيا سېمىز كىشىلىرى ئومۇمى ئېغىرلىقىنىڭ 3 دىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق