باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
تۈرمىدىن قېچىش ئۈچۈن كويزا ئاچقۇچىنى يۈتىۋالغان مەھبۇس
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-11-07 17:24:08

ئوراگۋايدا بىر مەھبۇس تۈرمىگە كىرىپ ئانچە ئۇزۇنغا بارماي كويزىنى ئاچقىلى بولىدىغان بىر ئاچقۇچنى يۇتۇۋالغان.

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 5–نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئوراگۋايدا يېڭىلا تۈرمىگە كىرگەن بىر مەھبۇس مەلۇم بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كويزىنىڭ ئاچقۇچىنى يۇتۇۋېلىپ، تۈرمىدىن قاچماقچى ياكى بۇ ئاچقۇچنى باشقا مەھبۇسلارغا سېتىپ بېرىش خىيالىدا بولغان، بىراق بۇ مەھبۇسنىڭ پىلانى بىر قېتىملىك Xنۇرى تەكشۈرۈشىدە پۈتۈنلەي بەربات بولغان.

بۇ مەھبۇسنىڭ ئىسمى مېندېس فىئالخو بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئوراگۋاي موندىۋىدىيادىكى بىر تۈرمىگە قامالغان. ئو ئىككى تال ئاچقۇچنى ئوغرىلىقچە يۇتۇۋالغان، بىراق بۇ تەلەيسىز مەھبۇس يېقىندا تۈرمىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بىر دانە ناھايىتى ئىلغار Xنۇرىدا تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئورناتقانلىقىنى بىلمەي قالغان.

فىئالخو ئاچقۇچنى يۇتۇۋېلىپ بۇ ئەسۋابنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى ساقچىلار ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ ئاشقازىنىدىكى بۇ ئاچقۇچلارنى بايقاپ قالغان،

سۈرەتنى تەپسىلى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىزمەتچى خادىملار بۇ نەرسىنىڭ كويزا كىشەننى ئاچالايدىغان ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ھازىرچە بۇ مەھبۇسنىڭ بۇ ئاچقۇچقا قانداق ئېرىشكەنلىكى نامەلۇم، تۈرمە تەرەپ ھازىر بۇ ئىشنى تەكشۈرمەكتە.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق