باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
26 كىلوگرام ئۇرۇقلىغان ئەر 63 گرام ئالتۇن مۇكاپات ئالدى
مەنبەسى: |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-11-11 16:25:54

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت 7- نويابىر «ئۇرۇقلاپ ئالتۇنغا ئېرىشىش» پائالىيىتىدە غەلىبە قىلغۇچىلارغا ئالتۇن تارقىتىپ بەردى، 27 ياشلىق بىر ئەر 26 كىلوگرام ئۇرۇقلاپ، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات 63 گرام ئالتۇنغا ئېرىشتى، بۇنىڭ قىممىتى 10 مىڭ 48 دىرھەم (تەخمىنەن 2738 ئامېرىكا دوللىرى) گە يېتىدۇ.

«ئۇرۇقلاپ ئالتۇنغا ئېرىشىش» پائالىيىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بەش كىلوگرامنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىغانلار ھەر بىر كىلوگرام ئۇرۇقلىغىنى ئۈچۈن بىر گرامدىن سېرىق ئالتۇنغا ئېرىشىدۇ، بەش كىلوگرامدىن 10 كىلوگرامغىچە ئۇرۇقلىغانلار ھەر بىر كىلوگرام ئۇرۇقلىغىنى ئۈچۈن ئىككى گرامدىن سېرىق ئالتۇنغا ئېرىشىدۇ، 10 كىلوگرامدىن ئارتۇق ئۇرۇقلىغانلار ھەر بىر كىلوگرام ئۇرۇقلىغىنى ئۈچۈن ئۈچ گرامدىن سېرىق ئالتۇنغا ئېرىشىدۇ.

ئاخىرىدا، 27 ياشلىق سۇرىيەلىك قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى ئەھمەد شەيخ چېمپىيون بولدى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغانلار ئايرىم ھالدا 23 كىلوگرام ۋە 22 كىلوگرام ئۇرۇقلىدى. بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ نەتىجىگە ئېرىشكەن 2648 ئادەم جەمئىي 16.82 كىلوگرام ئالتۇننى بۆلۈشتى.

ئەھمەد شەيخنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى «دېڭىز قولتۇقى ئاخبارات گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئۇ باشقا كىشىلەردىن 15 كۈن كېيىن تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، ئۇ دەسلەپتە سەل ئەنسىرەپ قالغانىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورگىنى تارقاتقان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ئىچىدىكى سېمىزلىك نىسبىتى %33.7 بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئىچىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق