باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
تەلىيىگە ھايات قالغان بالا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-20 12:17:34

ئاۋستىرالىيەدە 5ياشلىق بىر بالا ئانىسىنى چۆچىتىۋەتتى، بۇ بالا كېتىۋاتقان بىر پويىزدىن رېلىسقا چۈشۈپ كەتكەن، لېكىن بەختكە يارىشا ھېچ ئىش بولمىغان، پەقەت تېرىسى سۈرۈلۈپ كەتكەن. بالىنىڭ ئانىسى يېقىندا تۆت بالىسىنى ئېلىپ، پويىز بىلەن بۇرۇسبەندىن كەينىسقا بارغان، يېرىم يولدا ئانا تۆت بالىسىنىڭ بىرىنىڭ يوقلىقىنى بايقاپ تېزدىن مۇلازىمەتچىگە ئۇقتۇرۇش قىلغان، ئۇلار تەكشۈرۈپ بىر ۋاگوننىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇرغىنىنى كۆرۈپ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالغان، بىر ئائىلە كىشىلىرى يىغا-زارە قىلىپ ساقچىخانىدا خەۋەر كۈتۈپ ئولتۇرغان، ئانىنىڭ تەلىيىگە تەكشۈرگۈچى خادىم كەينىسقا 30كىلومېتېر قالغان جايدا بىر بالىنىڭ قاراڭغۇدا رېلىسنىڭ بويىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن، ئۇ ھېچقانداق يارىلانمىغان بولۇپ، پەقەت تېرىسى ئازىراق سۈرۈلۈپ كەتكەن، بالىنىڭ ئانىسىنىڭ يۈرىكى ئاخىرى جايىغا چۈشكەن، بۇنىڭ بىلەن يىغلاۋاتقان ئائىلە كىشىلىرى ئەمدى كۈلۈمسىرەشكە باشلىغان. گەرچە ھېچقانداق يارلىنىش يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىش تۆمۈر يول خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە بېرىپ تاقىشىدۇ پويىز كېتىۋاتقاندا ئەمەلىيەتتە پويىز خادىملىرى ئىشىكنىڭ ھىم يېپىقلىق تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئاۋسترالىيە تۆمۈر يول ئىدارىسى بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرمەكتە.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق