باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
«ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك» رايونى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-20 15:40:57

دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان شىمالى ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇدا رايونىدا كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان قىزىقىپ كەلگەن سىرلىق ئۈچ بۇرجەك دېڭىز رايونى بار، بۇ رايوننى كىشىلەر «ئالۋاستى ئۈچبۇرجەك»دەپ ئاتېشىدۇ. يىقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان بۇ جايدا يۈز بەرگەن سىرلىق غايىپ بولۇش ۋەقەلىرى سىر بولۇپ كەلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پوچتا، يۈك، سۇ ئاستى پاراخوتلىرى، ئايرۇپىلانلار بۇ جايدىن ئۆتكەندە، مىنوت، سىكۇنت ئىچىدە ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، خۇددى دېڭىز سۈيىدە ئېرىپ كەتكەندەك دېرەكسىز يۇقىلىدىكەن. ئېنىقسىز سىتاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىردىن بۇيان بۇ رايوندا 240قېتىمدىن كۆپ پاراخوت چۈكۈپ كېتىش، ئايرۇپىلان چۈشۈپ كىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ،2000غا يىقىن ئادەم قازا قىلغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان بېرمۇدا« ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك» رايونىدا يۈز بەرگەن غەلىتە ۋەقەلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كۆپلىگەن ئالىملارمۇ ئۇنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن تىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ب د ت داڭلىق ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بۇرايوننى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە بۇ سىرلىق رايون توغرىسىدا نۇرغۇن قىياسلار مەيدانغا كەلدى.

1.دېڭىز تۇرغۇن دولقۇنى تەلىماتى

تۇز مىقدارى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل دېڭىز ئېقىمى ئۆز-ئار ئۇچراشقاندا، قاينام شەكىللىنىپ تۇرغۇن دولقۇن ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل دولقۇن پاراخوتلارنى ئۆز جايىدا پىرقىراشقا مەجبۇرلايدۇ ياكى ئىلگىرىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ ۋە ئۇزاققا بارمايلا پاراخوتلارنى سۇغا غەرق قىلىدۇ.

2.تۆۋەن ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى تەلىماتى

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئېلېكترون ئىلمىي مۇتەخەسىسى سېمىس نۇرغۇن قېتىم تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى مەلۇم بىر قەۋەتتە بىر خىل تۆۋەن ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچ مەيدانى بولىدىغانلىقىنى، بۇ خىل كۈچنىڭ بەزىدە پەيدا بولۇپ، كومپاس ۋە سىمسىز ئالاقە ئۈسكۈنىسىگە كاشىلا قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنداق بولغاندا، پاراخوت ۋە ئايروپىلانلار خاتا ھۆكۈم تۈپەيلى تېزلا ئېزىپ قىلىپ چاتاق چىقىدىكەن.

3.ۋاقىتتىن ھالقىغان بوشلۇق تەلىماتى

ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەلىماتىدىن قارىغاندا، ۋاقىت ئىنسانلار ئادەتتە بىلىدىغاندەك مەڭگۈ بىر خىل ئۆزگەرمەس سۈرئەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئوخشاش بولمىغان سۈرئەت بىلەن ئۆتىدىكەن، ۋاقىتنىڭ يەر يۈزىدىكى ئۆتۈش سۈرئىتى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكىدىن ئاستا بولۇپ، پاراخوت ياكى ئايروپىلان «ۋاقىت قاينىمى» غا كىرىپ قالسا، بۇ دۇنيادىن ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك ئايرىلىدىكەن. ۋاقىت نورمال يۈرۈش ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ قالسا، شۇ مەزگىل، شۇ رايوندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق جىسىمنى بىرگە ئېلىپ كېتىدىكەن. جىسىملار ئۆتمۈش ياكى كەلگۈسى دەۋرگە كېتىدىكەن،ھەتتا «ئالەمسىمان» ۋاقىت بوشلۇقىغا كىرىپ قالىدىكەن.مانا بۇ تەلىمات ئامېرىكىنىڭ ئازغۇن ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا ھەقىقەتەنمۇ ئەينەن ئېيتىلغان.

4.پىرامىدا ماگنىت مەيدانى تەلىماتى

تەتقىقاتچىلار «ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك» رايونىدىكى دېڭىز ئاستىدا ئىككى غەلىتە پىرامىدا بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ غايەت زور ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى ئىندۇكسىيىلىك ماگنىت كۈچى بىلەن ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنى دېڭىز ئاستىغا تارتىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

5.تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ دېڭىز ئاستى سىگنال سىستېمىسى تەلىماتى

ئالىملارنىڭ بۇ رايوندا قىلغان تەجرىبىلىرىدىن بايقىلىشىچە، بۇ جاي ئالەمگە ئۇچۇش ئەسۋابى قۇيۇپ بېرىش ۋە سىمسىز يول باشلاش سىگنالى تارقىتىشقا تولىمۇ ماس كېلىدىكەن.بۇنىڭدىن پەرەز قىلىشقا بولىدىكى، تاشقى پلانېتا ئادەملىرى مەلۇم خىل سىگنال تارقىتىش سىستېمىسىنى دېڭىز ئاستىغا جايلاشتۇرۇپ، ئۇچار كېمىلىرىگە يول باشلاشقا ئىشلەتكەن بولۇشى، بۇ خىل سىگنال پاراخوت ۋە ئايروپىلانلارنىڭ يول باشلاش سىستېمىسى ۋە ئادەملەرنىڭ فىزولوگىيەلىك ئورگانىزملىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھالاكەتكە باشلىغان بولۇشى مومكىن.

6.دېڭىز ئاستى ئۇچار تەخسە بازىسى تەلىماتى
تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن ئالامەتلەردىن بۇ رايوندىكى دېڭىز ئاستىدا بىر ئۇچار تەخسە بازىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى پەرەز قىلغان. 1965-ئىيۇلدىن 1977-يىلى ئىيۇلغىچە نۇرغۇنلىغان ئايروپىلان ۋە پاراخوتتىكى ئادەملەر ئۇچار تەخسىلەرنىڭ كۆپ قېتىم بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى رايونىدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ دەل ۋەقە كۆپ يۈز بەرگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق