باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
Galaxy S5 16 مىليون پىكسىللىق كامېرا ئىشلىتىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-26 22:58:27

 

سامسۇڭ شىركىتى يانفون ۋە كامېرا تېخنىكا بۆلۈمىنى رەسمىي ھالدا بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، كامېرا تېخنىكىسى تارماق بۆلۈمى يانفون بۆلۈمىنىڭ ماركا ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، تور سودىسى، يۇمشاق دېتال ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىكى تەجىرىبىلەرگە ئاساسلانغان ھالدا، بۇ ئىككى تارماقنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئالاھىدە ۋە ئۆزگىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى ياساپ چىقىشنى نىشان قىلىدىكەن.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ كېلەر يىلى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغان ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونى بولغان Galaxy S5 نىڭ كامېرا ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 16 مىليون پىكسىللىق ISOCELL تىپىدىكى نۇر سەزگۈچى زاپچاس سەپلىنىدىكەن، يەككە پىكسىل ئۆلچىمى 1.12um گە يەتكۈزۈلۈپ، تارتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئاپتوماتىك فوكىس تەڭشەش ئىقتىدارىدىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىش بولىدىكەن.

بۇ يانفونغا سەپلىنىدىغان نۇر سەزگۈچى زاپچاس تىپىنىڭ بۇرۇنقى BSI دىن ISOCELL ئالماشتۇرۇلۇشى كامېرا ئىقتىدارىنىڭ سامسۇڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق