باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
سامسۇڭ Galaxy ئەسلىدە كىيىم-كىچەكنىڭ ماركىسى ئىدى
مەنبەسى: |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-26 23:00:45

 

1. سامسۇڭ ئېلىكتىرون شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى دۇنياغا داڭلىق، ھالبۇكى سامسۇڭ ئېلىكتىرون شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى بولسا سامسۇڭ گوروھى بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەمدىكى بۇ گوروھنىڭ سودىسى نۇرغۇنلىغان ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، قىسقىسى، ئۇنىڭ قول ئاستىدا يەنە كىيىم-كىچەك كەسپىمۇ بار. كورىيە پايتەختى سىئولدىكى بىر نەچچە ئاۋات بازاردا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ مودا كىيىم-كىچەك دۇكانلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

2. سامسۇڭ كىيىم-كىچەكلىرى ئىچىدە يەنە مۇنداق بىر داڭلىق ماركا بار، ئۇ بولسىمۇ Galaxy ماركىسى، بۇ مەخسۇس مودا نۇسخىدىكى ئەرلەر كىيىملىرى ماركىسى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تارىخى Galaxy يانفونلىرىدىنمۇ ئۇزۇن.

3. سامسۇڭ قول ئاستىدىكى Cheil سانائەت شىركىتى قول ئاستىدا يەنە Bean-Pole ناملىق بىر مودا كىيىم-كىچەك ماركىسى بار، ئاسىيا رايۇنىدا بۇ ماركىنىڭ قىممىتى Galaxy دىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

4.سامسۇڭ گوروھى كورىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىنى قاپلىغان، كورىيە پايتەختى سىئول شەھىرىدە، سامسۇڭ گوروھىنىڭ نۇرغۇنلىغان ۋەكىللىك قۇرۇلۇشلىرى بار، ھالبۇكى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى سامسۇڭنىڭ ئەمەس.

5. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلىرى كۆپ، يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندىن باشقا، دۇبەي شەھىرىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا بولغان خەلىفە مۇنارىنىمۇ سامسۇڭ قۇرۇپ چىققان.

6.سامسۇڭ شىركىتى يەنە ئولتۇراق بىنا سېلىش بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ، شەھەر ئىچىدە يۈرگىنىڭىزدە، سامسۇڭ بەلگىسى ئورنىتىلغان نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇشلارنى ئۇچرىتالايسىز.

7.سامسۇڭ يەنە پۇل-مۇئامىلە ۋە سۇغۇرتا كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. سۇغۇرتا كەسپى ئىچىدە ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، دېڭىز ئىشلىرى سۇغۇرتىسى ۋە بالايى-ئاپەت سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار بار.

8. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدە، يەنە Shilla ناملىق بىر يۇلتۇز دەرىجىلىك مىھمانخانىمۇ بار. بۇ مېھمانخانا يىقىندا قايتىدىن زىننەتلەنگەن بولۇپ، قويۇق مىللىي ئۇسلۇبتا ياسالغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق