باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
Windows Phone 8.1 سىستېمىسىغا مەۋھۇم كونۇپكا تاختىسى قوشۇلىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-26 23:05:32

 

يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرىدا Windows Phone 9 ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز شۇنداقلا يېڭى ئارا يۈز قوللىنىلغانلىقى ھالبۇكى ئېلان قىلىنىشىغا خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدىغانلىقى قاتارلىقلار ئاشكارىلانغان، شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپچىلىك ھازىرچە Windows Phone 8.1 سىستېمىسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرسا بولىدىكەن.

دۇنياغا داڭلىق ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچى تور بېكەت @evleaks يىقىندا Windows Phone 8.1 سىستېمىسىنىڭ ئىككى پارچە كۆرۈنمە يۈز رەسىمىنى ئاشكارىلىغان، رەسىمدىن قارىغاندا، يېڭى سىستېمىغا مەۋھۇم كۇنۇپكا قوللىنىلغانلىقىنى ، بۇلارنىڭ ھازىرقى Windows Phone يانفونىدىكى ئارقىغا چېكىنىش، باشلاش ۋە ئىزدەشتىن ئىبارەت ئۈچ دانە فىزىكىلىق كۇنۇپكىنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، Windows Phone 8.1 سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلار قاتتىق دېتال سەپلىمىسى جەھەتتە كۇنۇپكا ئىقتىدارىنى تەمىنلىمەيدىغان بولۇپ، بۇ ئېكراننىڭ ئەمەلىي ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھەجىمىنى چوڭايتىدىكەن.

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق