باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ تارماق شىركەتلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-26 23:00:23

 

سامسۇڭ ئېلىكترونىنىڭ ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق، سامسۇڭ ئېلىكترونىنىڭ ئانا شىركىتى سامسۇڭ گۇرۇھى بولسا كەسىپى مۇرەككەپ بىر چوڭ گۇرۇھ . سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ كورىيەدە نۇرغۇن كىيىم-كېچەك دۇكىنى بار .

سامسۇڭ گۇرۇھى تەۋەسىدىكى كىيىم-كېچەكلەر داڭلىق ماركىلىق كىيىم- كېچەك ھېسابلىنىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە Galaxy مۇ بار ، Galaxy ئاساسلىقى ئەرلەرنىڭ كاستۇم-بۇرۇلكىلىرى ۋە راھەت كىيىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ .

سامسۇڭ گۇرۇھى تەۋەسىدە يەنە Cheil سانائەت شىركىتى بار ، يەنە Bean-Pole دېيىلىدىغان مودا بۇيۇملار ماركىسى بار .

سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ بەلگە خاراكتىرلىك قۇرۇلۇشلىرىنى سىئولنىڭ ھەممە يەرلىرىدە كۆرگىلى بولىدۇ ، بىراق ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم چوڭ قۇرلۇشلار سامسۇڭ ئېلىكترون شىركىتىنىڭ ئەمەس .

سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ زور بولغان قۇرۇلۇش كەسىپى بار ، دۇبەيدىكى دۇنيا بويىچە بىرىنچى بىنا --- خەلىپە مۇنارى ۋە باشقا داڭلىق قۇرۇلۇشلارنى قىلغان .

سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ نۇرغۇن داچا بىنالىرى بار ، سىئولدا ماشىنىدا يۈرگەندە ‹‹سامسۇڭ›› خېتى شەكىللىك چاقىپەلەك بىناسىنى كۆرگىلى بولىدۇ .

سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ يەنە پۇل-مۇئامىلە ۋە سۇغۇرتا كەسپىمۇ بار .

سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ بايلىقلىرى ئىچىدە سىئولدىكى ‹‹Shilla›› دېيلىدىغان مېھمانخانىمۇ بار ، بۇ مېھمانخانىنىڭ دەرۋازىسىى كورىيە ئۇسلۇبىدا سېلىنغان .

ئايرودۇرۇمدا سامسۇڭ ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگىلى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ‹‹Shilla ›› دېيىلىدىغان باجدىن خالىي دۇكىنى تىجارەت قىلىدۇ .

 Cheil يەرشارى شىركىتى ، بۇ شىركەت سامسۇڭنىڭ بىر تارماق شىركىتى ، ئاساسلىقى بازار تىجارىتى ۋە ئېلان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق