باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
يېڭى پاراخوت سۇغا چۈشۈرۈلگەندە نېمە ئۈچۈن «بوتۇلكا چاقىدۇ؟»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-30 12:33:49

 

بىر يېڭى پاراخوتنى سۇغا چۈشۈرسە، دائىم تەنتەنىلىك سۇغا چۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېڭى پاراخوت بايراملىق بېشزەكلىرىنى − رەڭمۇ - رەڭ بايراقلارنى تاكى بېشىدىن قۇيرۇغىغىچە ئېسىۋالىدۇ. بايراقلاپ لەپىلدەپ، خوشاللىققا چۆمىدۇ. پالوبا دوكلاردا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇرىدۇ. مۇراسىمغا رىياسەەتچىلىك ققىلغۇچى كىشى، بىر بوتۇلكىنى ئېەىز كۆتىرىپ كېلىپ، ئۇزۇن بىر تال يىپنىڭ بىر ئۇچىنى بوتۇلكىنىڭ بېشىغا، بىر ئۇچىنى پاراخوتنىڭ بېشىغا باغلايدۇ، ئۇ ئادەم بوتۇلكىنى پېقىرىتىپ تۇرۇپ ئاتىدۇ، بوتۇلكا پاراخوت گىرۋىگىگە تېگىپ «جاڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن چېقىلىدۇ-دە، بوتۇلكا ئىچىدىكى سۇ چېچىلىدۇ، پاراخوت گەۋدىسى ئاستا دوكتىن سۇغا سېرىلدۈرۈلۈپ، تۇنجى يۈرۈش باشلىنىدۇ.

يېڭى پاراخوت سۇغا چۈشۈرۈلگەندە نېمە ئۈچۈن «بوتۇلكا چاقىدۇ؟» ئېيتىپ كەلسەك بوتۇلكا چېقىش ئىشىنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولدى.

قەدىمكى زاماندا، كىشىلەر دېڭىزنىڭ ئۇلۇغ ھەم سىرلىق بىلىپ، ھۆرمەتلەشكە ۋە قايىل بولۇشقا ئەرزىيدىغان غەلىتە نەرسىدۇر دوپ قارايتتى، دېڭىزدا يۈرۈش قىلىشنىڭ بىخەتەرلىگى ئۈچۈن، ئىلاھتىن پانا تىلەش شەرت ئىدى، شۇڭا ھەر يىلى پاراخوت سۇغا چۈشۈرۈلگەندە، بىر قېتىملىق چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلەتتى. قەدىمكى كىشىلەر ئادەم قېنى ئەڭ قىممەتلىك، ئۇ ھاياتلىقنىڭ سىمۇۋۇلى، ئىلاھقا ئادەم قېنى تەقدىم قىلىنسا، ئەڭ ئىخلاسمەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ دەپ تونۇيتتى. شۇڭا ھەر قېتىم يېڭى پاراخوت سۇغا چۈشۈرۈلگەندە، قاننى چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلەتتى، بۇ مۇراسىمدا بىر قۇل پاراخوت گەۋدىسىنىڭ سۇغا سېرىلدۈرۈش يولىغا باغلاپ قويۇلاتتى، پاراخوت بۇ قۇل ئۈستىدىن سېرىلىپ ئۆتەتتى، قۇلنىڭ قېنى يېڭى پاراخوت ئۈچۈن چوقۇندۇرۇلۇپ، ئىلاھنىڭ رازلىغىنى ئالاتتى.

بۇ نېمە دېگەن ۋەھشى ۋە ىۇراپى ھەرىكەت-ھە! كېيىن گىرېتسىيىلىكلەر مۇنداق ۋەھشى ئۇسۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى پاراخوت سۇغا چۈشۈرۈلگەندە چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى ساقلاپ قالغان، پەقەت ھاراقنى يېڭى پاراخوتقا چوقۇندۇرۇشقا ئىشلىتىپ، قان ئاقتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ھاراق چېچىشنى ئىشلەتكەن چغنكى ھاراقمۇ قەدىمكىلەر ئۈچۈن ئىلاھنى ھۆرمەتلەشنىڭ بىر خىل نەزىر - چىراغ بۇيۇمى ئىدى.

گىرېتسىيىلىكلەر پاراىوتلارنىڭ سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمىنى ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن، رىملىقلارمۇ يەنە يېڭىلاش ئېلىپ بارىدۇ: ئۇلار سۇ ئەڭ پاك نەرسە دەپ قاراپ، سۈزۈك سۇنى يېڭى پاراخوتقا چوقۇندۇرۇشقا ئىشلەتتى.

پاراخوت ياساش تېخنىكىسىنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە دېڭىزچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، پاراخوتلار بارغانسېرى چوڭايتىلىپ ياسىلىشقا، مۇساپىسىمۇ بارغانسېرى ئۇزۇراشقا باشلىدى. دېڭىزچىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇساپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئوكيانلارنىڭ سۇلىرىدىن يىغىپ بوتۇلكىلارغا قاچىلاپ، ھەر قېتىم يېڭى پاراخوتنى سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، ھەرقايسى ئوكيانلاردىن يىغىۋېلىنغان سۇلارنى يېڭى پاراخوتقا چوقۇندۇرۇشقا ئىشلەتتى.

ئەمدى نېمە ئۈچۈن بوتۇلكا ئىنچىكە يىپ بىلەن پاراخوت بېشىغا باغلاپ قويىدىغانلىقى ھەم پاراخوت گىرۋىگىگە ئۇرۇپ سۇندۇرۇلدىغانلىقىغا كەلسەك، بۇ ھەقتىمۇ بىر قىسقا ھىكايە بار. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە بىر يېڭى پاراخوتنى سۇغا چۈشۈرمەكچى بولۇپتۇ، ئامما تازا شان - خوراملىققا چۆمگەن پەيتتە مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى كىشى، ھىسسىياتىنى باسالماي، بوتۇلكىنى كۈچەۋىرەك ئاتقان ئىكەن، بوتۇلكا ئۇچۇپ چىقىپ، تاماشىبىنلارنىڭ بىرىنىڭ بېشىغا تېگىدۇ. بۇ قان تۆكۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، كىشىلەر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئويلاپ چىقىپ، بوتۇلكىنى ئىنچىكە يىپ ئارقىلىق باغلاپ قويىدىغان بوپتۇ، بۇ بوتۇلكا ئېتىلغاندا بىخەتەر بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ يېڭى پاراخوتلار سۇغا چۈشۈرۈلگەندە «بوتۇلكا چېقىش» مۇراسىمى پەيدا بولغان.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق