باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
يۈزگە تەرخەمەك پارچىسىنى كۆپ چاپلىمىغان تۈزۈك
مەنبەسى:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-02 16:27:39

كۆپىنچە ئاياللارنىڭ نەزىرىدە تەرخەمەك پارچىسىنى يۈزگە چاپلاش ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئاددىي ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلى، بىراق تامامەن بۇنداق بولۇشى ناتايىن. مۇتەخەسسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تەرخەمەك تەركىبىدە %98 سۇ بار، يەنە ۋىتامىن E ۋە تەرخەمەك ئېنزىمى كۆپ، ئۇلارنىڭ تەر تۆشۈكىنى كىچىكلىتىش، ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار، بىراق، تەرخەمەك پارچىسىنى يۈزگە چاپلىغاندا، يۇقىرى دېيىلگىنىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. چۈنكى تەرخەمەك پارچىسىدا بىر خىل شەبنەمسىمان يېپىشقاق سۇيۇقلۇق بار، ئۇ تېرىنىڭ تەرخەمەكتىكى پايدىلىق تەركىبىلەرنى سۈمۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ناۋادا يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ھېچقانداق تېرە ئاسراش بۇيۇمىنى ئىشلەتمەيلا، تەرخەمەكنى بىۋاستە يۈزگە چاپلىسا تېرە تارتىشىپ قورۇق چۈشىدۇ. خۇنۇكلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەرخەمەك تېرىدىكى سۇنى كۆپەتكەندەك قىلغان بىلەن 10مىنۇتتىن كېيىنلا يەنە ئەسلىگە كېلىپ قالىدۇ. بۇ تەرخەمەكتىكى سۇ تەركىبىنى تېرىمىزنىڭ سۈمۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەڭ توغرا ئۇسۇل تەرخەمەكنى سىقىپ سۈيىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھەسەل ۋە سۈت ئارىلاشتۇرۇش، ئاندىن ئۇنى يۈزگە سۈرۈش، شۇندىلا تېرە ئاسراش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق