باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ھامىلدار ئاياللار قىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-02 16:28:39

ھامىلدار ئاياللار قىشتا بەك قېلىن كىيىنمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ مېتابولىزىمى كۈچلۈك بولۇپ، كۆپ تەر چىقىدۇ. ناۋادا بەك قېلىن كىيىنىۋالغاندا ئاسانلا تەرلەپ،سىرتقا چىققاندا ئاسان زۇكامداپ قالىدۇ.

1. شارپىنى يۈزىگە ئورىۋالماسلىق كېرەك. بۇنداق بولغاندا شارپىدىكى مىكرو ئورگانىزىم، مىكروبلار ھامىلدار ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

2. پاختىدا ئىشلەنگەن ئىسسىق ساقلاش كىيىمى كىيگەن ياخشى. پاختا كىيىمنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى، تەر سۈمۈرىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ھامىلدار ئاياللار تاللاشقا تېگىشلىك ئەڭ ياخشى كىيىمدۇر.

3. گېرىلكا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش. ھامىلدار ۋاقىتتا قورساققا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق