باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى سېتىۋالغاندا بەش «قىلتاق»تىن ھوشيار بولۇڭ
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-02 16:29:04

دۆلەت يېمەكلىك – دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋالغاندا بەش چوڭ قانۇنسىز تەشۋىقاتقا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

«يېگەن ھامان شىپا تاپىدۇ» دېگەنگە ئىشەنمەڭ

ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى دورا ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى توغرىسىدا جار سېلىشقا بولمايدۇ. بەزى ئېلانلاردا ھەمىشە مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمىنى مۇبالىغە قىلىپ «يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ»، «يېگەن ھامان شىپا تاپىدۇ» دەپ داۋراڭ سېلىنىدۇ ياكى «ئۈنۈمى بولمىسا پۇل قايتۇرۇلىدۇ»، «زەھەرسىز، ئەكس تەسىرى يوق» دېگەندەك ۋەدىلەر بىلەن ئىستېمالچىلارنى ئالدايدۇ ۋە قايمۇقتۇرىدۇ.

ساغلاملىق لېكسىيەسى سېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈندۇر

بەزى قانۇنسىز سودىگەرلەر «سۆھبەتلىشىش»، «لېكسىيە سۆزلەش»، «زىيارەت قىلىش»، «سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش» قاتارلىق نەيرەڭلەردىن پايدىلىنىپ، ساختا مۇتەخەسسىسلەرنى نەق مەيداندا لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى داڭلاپ ساتىدۇ. كۆپ ساندىكى ياشانغانلار ئاتالمىش بۇ «مۇتەخەسسىسلەر»گە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ، ساختا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋالىدۇ.

ھەقسىز پائالىيەت ئىدىيەنى بۇراش ئۈچۈندۇر

بەزى قانۇنسىز سودىگەرلەر «دورا ھەدىيە قىلىش»، «ھەقسىز سىناپ ئىشلىتىش»، «سوۋغات بۇيۇمى تارقىتىش»، «مۇكاپات تارتىش» تەك ھەقسىز تارقىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ياشانغانلارنى قىزىقتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلار ئالدىنىپ قالىدۇ.

«نوپۇزلۇق ئىسپات» ئويدۇرما

بەزى قانۇنسىز ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئېلانلىرىدا «دۆلەت ئورگانلىرى»، «كەسپىي ئورۇنلار»، «داۋالاش ئورگانلىرى»، «ئىلمىي ئورگانلار» ۋە «كەسپىي تەشكىلاتلار» نىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ نوپۇزى ۋە قايىل قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ.

«مۇتەخەسسىسلەر ھەقسىز كېسەل كۆرىدۇ» ئالدامچىلىقى

بەزى قانۇنسىز سودىگەرلەر ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس» ۋە «پىروفېسسور» لارنى ياللاپ ياشانغانلار ئۈچۈن ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ياكى كېسەل كۆرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. كۆپ ساندىكى ياشانغانلار بۇنىڭغا قىزىقىپ سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ ياكى مەسلىھەت سورايدۇ.
سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن كېيىن «مۇتەخەسسىسلەر»، «پىروفېسسورلار» ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىدىن قۇسۇر تېپىپ، ئۇلارنى بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ ئۆز ۋاقتىدا داۋالىنىشقا ئۈندەيدۇ. كۆپ ساندىكى ياشانغانلار ئۇلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن كېرەكسىز ۋە راست – يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋالىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق