باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ھاراق 60 خىل كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-02 16:40:33

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا 60 خىل كېسەلنىڭ ھاراق ئىچىشتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھاراقنى كۆپ مىقداردا ئىچكەندە تۇنجى بولۇپ جىگەر زىيانغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى بىر قېتىم مەست بولغۇچە ئىچكەن ھاراق بىر قېتىم جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانغا باراۋەر بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى قىسقا مۇددەتتە سۈمۈرۈلگەن زور مىقداردىكى ئىسپىرت جىددىي خاراكتېرلىك ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، ئىسپىرت خاراكتېرلىك جىگەرنى ماي قاپلاش، جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا زور مىقداردا ئىچىلگەن ھاراق قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىش كېسىلى ۋە قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك ماددا ئالمىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى يېپىشقاق پەردىنى كۆيدۈرۈپ، كۆپىيىش سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بىر تەتقىقاتتا: بىر خىللا ھاراق ئىچىدىغان ئادەم بىلەن ئارىلاشما ھاراق ئىچىدىغان ئادەمنى سېلىشتۇرغاندا، ئارىلاشما ھاراق ئىچىدىغان ئادەمنىڭ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئالتە ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق