باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ساغلام كىشىلەر ۋە يېنىك ھەرىكەت
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-02 16:33:26

خىزمەتچىلەر: چىلىق – چىلىق تەرلىگىچە چېنىقماستىن، يېنىك ھەرىكەت قىلىپ بەرسە، ساغلاملىققا كۆپ پايدىسى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشتىن چۈشكەندە ئۆيگە پىيادە قايتىش، ۋاقىتنى بىر سائەت ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك، ياكى ئۈزۈلدۈرمەي ئون مىنۇتتىن ئارتۇق تانا سەكرەپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

ئورۇقلاشنى خالايدىغانلار: ئاياللار ئۆيدە يېنىك ھەرىكەت قىلسا، مەسىلەن، 20 مىنۇتتىن ئارتۇق چەمبىرەك ئايلاندۇرۇپ بەرسە، ھەركۈنى ئاخشىمى 20 قېتىم قورساق قاتلاش ھەرىكىتى ئىشلەپ بەرسە؛ ئەرلەر ھەر كۈنى بەش – ئون قېتىم يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.

بالىلار: پىلانلىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ، يېنىك ھەرىكەت قىلىپ بەرسە، مەسىلەن، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئىككى يۈرۈش رادىيو گىمناستىكىسى ئويناپ بەرسە بولىدۇ، سۇ ئۈزسە يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى ئاشىدۇ، چېنىقىش ۋاقتى ھەر كۈنى 30 ~ 10 مىنۇتقىچە، ھەپتىدە ئىككى – ئۈچ قېتىم بولسا بولىدۇ. كەچتە ئاتا – ئانىسى بىلەن تىكتاك توپ، پەي توپ ئويناپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

ياشانغانلار: مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ يۈرەك رىتىمىنى كۆزىتىش لازىم. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ يېرىم سائەت ھەرىكەت قىلسا، مەسىلەن، تەيجى گۇمپىسى ئوينىسا، تەخمىنەن ئىككى – ئۈچ كىلومېتىر پىيادە ماڭسا ياكى ئاستا يۈگۈرۈپ بەرسە بولىدۇ. ئۆي ئىچىدە يېنىك ۋە قانۇنىيەتلىك ھالدا كېرىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق