باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋېلىسىپىت مىنىشنى تەشەببۇس قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-10 12:47:05

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان«ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلىنىڭ تور بېكىتىدە يېقىندا «ۋېلىسىپىت مىنىش نېمە ئۈچۈن بەزى شەھەرلەردە گۈللەپ راۋاجلاندى، ئەمما بەزى شەھەرلەردە ئۇنداق ئەمەس؟» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى بورېس جونسون ۋېلىسىپىت مىنىش قارىشىنى لوندون شەھىرىدە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى، ئەمما بۇ بىر قېيىن ۋەزىپە. لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى بورېس جونسوننىڭ مىجەزى ئالاھىدە ئوچۇق؛ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇ ۋېلسىپت مىنىشكە ئامراقلىقى بىلەن كىشىلەرگە تونۇلغان. ئۇ قاتناش قائىدىسىگە، باشقا ۋېلىسىپىت مىنگەنلەرگە ۋە كىچىك گېزىت ئاپپاراتچىلىرىنى نەزەرگە ئالماستىن ئۆزىنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. گەرچە بورېس مۇشۇنداق چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما لوندوندا ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار يەنىلا ئاز ئىدى. 2011-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، گەرچە ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار ئۆتكەن 10 يىلدا كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما لوندوندا ھازىر %2.5 كىشىلا ۋېلىسىپىت بىلەن ئىشقا بارىدىكەن. بورېس: نۆۋەتتە ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلارخېلىلا ئاز دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋېلىسىپىت مىنىش لوندون كوچىلىرىدىكى بىر داڭلىق كۆرۈنۈشكە ئايلىنىشى كېرەك، ۋېلىسىپىت مىنىشنىڭ لوندوندا تارقىلىش دەرىجىسى دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېن ياكى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامېستېردامغا ئوخشاش سەۋىيەگە يېتىشى كېرەك، دېدى. ئۇنداقتا ۋېلىسىپىت مىنىش نېمە ئۈچۈن بەزى شەھەرلەردە گۈللەپ راۋاجلاندى، ئەمما باشقا شەھەرلەردە ئۇنداق ئەمەس؟

بورېسنىڭ بۇ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان نىشانى ئۇنداق ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ: ئامېستېردامدا %57 ئاھالە ھەر كۈنى ۋېلىسىپىت ئىشلىتىدۇ، ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار بۇ شەھەرنىڭ %38 نى ئىگىلەيدۇ، كوپېنخاگېندا %52 كىشى ھەر كۈنى ۋېلىسىپىت بىلەن ئىشقا ياكى مەكتەپكە بارىدۇ. ئەمما ئەنگلىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدىمۇ ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە غايەت زور غەلبە قولغا كەلتۈرۈلدى. كامبىرىجدا %30 ئاھالە ھەر كۈنى ۋېلىسىپىت بىلەن ئىشقا بارىدۇ؛ لوندوننىڭ شەرقىدىكى خاكىنى رايونىدا ھەر كۈنى ۋېلىسىپىت بىلەن ئىشقا بارىدىغانلار تەخمىنەن %15 نى ئىگىلەيدۇ. ئەمما، بىر يەردە زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار ئالدى بىلەن قايسى تۈردىكى كىشىلەرنىڭ بۇ جايدا تۇرىدىغانلىقىغا باغلىق. بۇ نۇقتا ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ بورېسنىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا. ئەنگلىيەدە ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار باي ياشلار، شۇڭا بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئاچقۇچلۇق مەسىلە. كامبىرىج بىر باي ئۇنىۋېرسىتېت شەھىرى، ھەممىلا جايدا ياش ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ خاكىنى لوندوننىڭ ئېسىل رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ يەردە تۇرىدىغانلار مودا قوغلىشىدىغان ياش تور بېكىتى لايىھىلىگۈچىلەر ۋە تەكشى يۈز لايىھىلىگۈچىلەر. شۇڭا بۇ جايدا ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ئورېگون ئىشتاتىدىكى پورتلاندىمۇ مۇشۇنداق. پورتلاند بەلكىم ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئامېرىكىنىڭ شەھىرى بولسا كېرەك. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامىستېردام بىلەن كوپېنھاگېندا ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلارنىڭ كۆپى ئاياللار؛ ئەمما بۇ ئىككى شەھەردە ھەممە كىشى مەيلى كىرىمىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ۋە يېشىنىڭ قانچىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئازدۇر كۆپتۇر ۋېلىسىپىت مىنىدۇ.

شۇڭا بورىس دۇچ كەلگەن مەسىلە بەلكىم كىشىلەرنى قانداق قىلغاندا ۋېلىسىپىت مىنىشكە قىزىقتۇرۇش بولماستىن، بەلكى ۋېلىسىپىت مىنىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنى ۋېلىسىپىت مىنىشىكە قىزىقتۇرۇش؛ مەسىلەن ئاياللار ۋە ياشانغانلارنى ۋېلىسىپىت مىنىشكە قىزىقتۇرۇش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. گوللاندىيە بىلەن دانىيەدە مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ۋېلىسىپىت مىنىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى بۇ ئىككى جاينىڭ بىخەتەرلىك كويفېسېنتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى جاينىڭ قاتناش قانۇنىغا ئاساسەن ئەگەر ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار بىلەن باشقا قاتناش قۇرالىنى ئىشلەتكەنلەر ئوتتۇرىسىدا ھادىسە يۈز بەرسە قاتناش قانۇنىدا ۋېلىسىپىت مىنگەن كىشىگە ئېتىبار بېرىلىدۇ. بۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىنى يولدا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ئەنگلىيەدە، 3 دەن 2 قىسىم ئايال يوللارنىڭ بىخەتەرلىك كويفېسېنتى يېتەرسىز دەپ قارىغانلىقتىن ۋېلىسىپىت مىنمەيدىكەن. تېخىمۇ بىخەتەر يول بولغاندىلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ۋېلسىپىتنى قاتناش قورالى قىلىدۇ. ئەمما، بىخەتەرلىك بىردىن بىر ئامىل ئەمەس. مېردۇن كەيئېنس بىلەن سىتېفۇنىچ ئەنگلىيەدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىككى شەھەر، ئىككىلا جايدا قۇسۇر ئىزدىگىلى بولمايدىغان مەخسۇس ۋېلىسىپىت يولى بار بولۇپ، يېشىل يول دەپ ئاتىلىدۇ. ۋېلىسىپىت يولى ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار ۋە پىيادە ماڭىدىغانلار بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى شەھەردە ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار ئىنتايىن ئاز. بۇ يەردە كىشىلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تېز ھەيدەشكە تېخىمۇ ئامراق. كىشىلەرنى ۋېلىسىپىت مىنگۈزۈش ئۈچۈن كىشىلەرگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەرگەندىن باشقا يەنە باشقا قاتناش قورالىنىڭ ۋېلسىپىتتەك راھەت بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، خاكىنىدا ۋېلسىپىت مىنىدىغانلارنىڭ لوندوندىكى باشقا مەمۇرىي رايونلاردىن كۆپ بولۇشىدىكى سەۋەب خاكىنىنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى لوندوننىڭ باشقا رايونلىرىدىن ناچارراق بولغانلىقىدا. شۇڭا بورېسنىڭ ۋېلسىپىت مىنىش ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن لوندوننىڭ باشقا قاتناش ئۇسۇلىنىڭ يۇقىرى تەننەرقى ۋە قولايسىزلىقى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋېلسىپىت مىنىشنى تاللىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ بىر خىل ۋېلسىپىت مىنىش مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ؛ ئەگەر سىزنىڭ دوستىڭىز ياكى خىزمەتدىشىڭىز ۋېلسىپىت بىلەن ئىشقا بارسا، سىزمۇ شۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن سىزمۇ ۋېلسىپىتلىق ئىشقا بېرىشنى ئويلىشىشىڭىز مۇمكىن. ئامېستېردام بىلەن كوپېنخاگېندا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئىككى جايدا قاتناش ئىنتايىن توسۇلىدىغان، يوللار تار بولغاچقا ۋېلسىپىت مىنىش مەدەنىيىتى ئەزەلدىن يوقاپ كەتمىگەن. لوندوننىڭ قاتنىشى تېخىمۇ توسۇلىدۇ، نوپۇسىمۇ پات ئارىدا 10 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ، شۇڭا ۋېلسىپىت مىنىش مەدەنىيىتى كەڭ تارقىلىشى مۇمكىن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق