باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
گېرمانىيىلىكلەرنىڭ فامىلىسى «قىممەت» بولسا، جەمئىيەتتىكى ئورنىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-10 12:48:28

ئەنگلىيىدىكى بىر قېتىملىق تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، گېرمانىيىلىكلەرنىڭ فامىلىسى «قىممەت» بولسا، ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنستىتۇتى سودىگەرلەر دائىم ئىشلىتىدىغان بىر تور بېكىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن، يەنى ئۇلار گېرمانىيىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان 100 فامىلىنى ئاساس قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن. نەتىجىدە بايقىلىشىچە ئۇلار 22 مىڭ ئادەمنى تېپىپ چىقىپ، بۇ 22 ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، پادىشاھ، شاھزادە قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى كۆپ قوللىنىدىغان ئادەملەر ئاشپەز، دېھقان، بولكا ئۇستىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى قوللىنىدىغان ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، پادىشاھ ياكى شاھزادىلەرنىڭ فامىلىسىنى قوللانغانلار ئەجدادلىرىنىڭ چوقۇم پادىشاھ ياكى شاھزادە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بىراق، بۇ خىل «قىممەت» لىك فامىلىلەر خىزمەت ئورنىدا كىشىلەرگە بىر قەدەر چوڭقۇر تەسىر بېرىدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىسىملارغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ خىزمەت ئورۇنلىرىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق