باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئاياللار «يېيىش»ئۈچۈن بىر يىلدا تەخمىنەن 474قېتىم يالغان گەپ قىلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-10 12:51:02

ئەنگىلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاياللار «يېيىش»ئۈچۈن بىر يىلدا تەخمىنەن 474قېتىم يالغان گەپ قىلىدىكەن،دېمەك بۇ ھەپتىدە 9قېتىم يالغان گەپ قىلغانغا باراۋەر، ئۇلار دائىم نېمە يېگەنلىكى، قانچىلىك يېگەنلىكى، قانچىلىق ھاراق ئىچكەنلىكى قاتارلىق مەسلىلەردە يالغان گەپ قىلىپلا يۈرىيدىكەن. تەتقىقاتچىلار 3000 ئەنگىلىيەلىك ئايالنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يالغان گەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇنى چوڭ ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ دەيدىغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ نەپىسىنى كونتىرول قىلالماي تۇرۇپ يەنە چۈشتە مەن بەك كۆپ يەۋالدىم دەيدىغانلىقىنى بايقىدى، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان يالغان گېپى بولسا«مەن بۇنداق نەرسىلەرنى ئادەتتە بەك ئاز يەيمەن»، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار داۋاملىق يەيدۇ.ئەگەر سىزگە بىر ئايال:«مەن بۇنداق پىرەنىكلەرنى يەپ باقمىغان»دېسە، بەلكىم تېخى 10مىنۇت بۇرۇن مۇشۇنداق پىرەنىكتىن بەشنى يەپ بولغان بولىشى مۇمكىن، ئۇلار:«پەقەت بىر ئىستاكانلا ئىچتىم»دېگەن چېغىدا ئەمەلىيەتتە بىر بوتۇلكا ئىچىپ بولغان بولىشى مۇمكىن، يەنە تېخى:«ئەڭ ئاخىرقى ئېشىپ قالغىنىنى مەن يېمىدىم»دېگەن ۋاقتىدا سىز ھەرگىز ئىشەنمەڭ، چۈنكى چوقۇم شۇلار يەۋەتكەن. تەتقىقاتچىلار، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئاياللارنىڭ يېرىمىنىڭ ئۆيىدە ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى يەيدىغانلىقىنى، تېخى ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ ئاچ قالغان بۆرىلەردەك يەيدىغانلىقىنى ئىقرار قىلمايدىغانلىقىنى، يەنە تېخى:«بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ يېمەيمەن» دېگەن گەپنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بايقىدى.

تەتقىقاتچىلار يەنە، نۇرغۇن ئاياللار:«چۈشلۈك تاماق يېيىشكە پەقەت ۋاقتىم چىقمايدۇ»دېگىنىنىڭمۇ يالغان ئىكەنلىكى، قانداق قىلىپ بولسا تاماق يېيىشكە ۋاقىت چىقىرىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىدى. بىر قىسىم ئاياللار «تېجەشلىك بولۇش»نىڭ قالپىقىنى كىيىۋىلىپ، تازا يەيدۇ، مەسلەن ئۇلار دائىم«ئەمدى يېمىسەم ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدۇ»ياكى «مەن پەقەت بالامدىن ئېشىپ قالغان نەرسىلەرنى يەۋەتتىم»دەيدۇ، يەنە بىر قىسىم ئاياللار قاراشتا يېمەك-ئىچمەككە بەكمۇ دىققەت قىلىدۇ، يەنە تېخى «مەن ئەزەلدىن تېز تاماقخانىغا كىرمەيمەن»دەيدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىمەكچى بولغىنى «مەن باشقىلار مېنى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا تېز تاماقخانىغا كىرمەيمەن»دېگىنى، بەزى ئاياللار«مەن پەقەت يېرىم قوشۇق شېكەر سالدىم»دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار سىزگە قوشۇقنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ. تەكشۈرۈشتە يەنە ئاياللارنىڭ يالغان ئېيتىشىنىڭ يېگەن نەرسىلىرىنىڭ تۈرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىسپاتلاندى. ئاياللار شاكىلات يېگەندىن كېيىن ئەڭ ئوڭاي يالغان ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا تورت ، قىزىل ھاراق، ھامبۇرۇگ بولكىسى قاتارلىق ئاياللارنى ئەڭ ئوڭاي ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان نەرسىلەرنى يېگەندە ئوڭاي يالغان ئېيتىدۇ. بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىكى مەقسەت:كالورىيەنى ھېسابلايدىغان سائەتنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىغا ماسلىشىش ئۈچۈن.دوختۇر شىمونك:«تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تاشقى قىياپەت سەمىمىيلىكتىنمۇ بەكرەك مۇھىم، ھېچقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ يەۋاتقانلىقىنى ياكى ئوغۇرلۇقچە يەۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېگەن نەرسىلەرنىڭ تۈرى بىلەن سانىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ مېڭىش ئورۇقلاشقا پايدىلىق، لېكىن كۆپ ئاياللار ئۆزىنىڭ نېمە يېگەنلىكى ھەم قانچىلىك يېگەنلىكىنى ئىقرار قىلمايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئورۇقلىشىغا پەقەتلا ياردىمى يوق»دېدى، بۇ دوختۇرنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ يالغان گەپ قىلىشى يېنىدىكى ئادەملەرنى ئالداپ، يۈزىنى ساقلاپ قالالىغان بىلەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئالدىغانغا باراۋەركەن. بۇ بىر خىل ئاQچە پىسخىك ئالامىتى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ۋەھشىي بىرنەرسە يېگەنلىكىنى ئىقرار قىلماسلىق ئارقىلىق تەسەللىيگە ئېرىشكەنگە باراۋەركەن، مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئۇلارنى بەدەن ئېغىرلىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ ئەلۋەتتە.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق