باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلىماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-13 14:23:34

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئائىلە قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇقىم بولىدىغان ياپونىيەدە ئاجرىشىش ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. سىتاستىكا قىلىنىشىچە، ياپونىيەدە يېقىنقى بەش يىلدا ئاجرىشىش نىسبىتى ئۇدا %35 لىك ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن، ئىككى تەرەپ ئاجراشقاندىن كېيىن بالىلارنى بېقىش يوقلاش قاتارلىق مەسىلىلەر بارغانسىرى باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان.

2012-يىلى ياپونىيەلىك قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرى بار ئاياللارنىڭ ئاجرىشىش دىلوسى 130 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، گەرچە سان جەھەتتە بىر ئاز تۆۋەنلىگەندەك قىلسىمۇ، بىراق ئايرىم تۇرۇۋاتقان ئاياللار ئىچىدە بالىلىرىنى يوقلاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ سانى ناھايىتى تىز سۈرئەتتە يۇقىرلاشقا باشلىغان، يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا يېقىنقى 10 يىلدا ئۈچ ھەسسىدىن ئارتۇق ئېشىپ كەتكەن.
ياپونىيەدە ئەر-ئايال ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، %80 تىن ئارتۇق بالىلارنىڭ بېقىش ھوقۇقى ئانىلارغا تەۋە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاتىلارنىڭ نارازىلىقى كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ھەتتا بالىلارنى ئېلىپ كېتىشتەك جىنايى ئىشلار دىلولىرىمۇ يۈز بېرىدۇ.

يېقىندا ياپونىيە ئۇراياسسۇ ئۆلكىسى، چىبا شەھىرىنىڭ ساقچىلىرى 33 ياشلىق بىر ئەرنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى بۇ ئەر ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ بۇرۇنقى ئايالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بەش بالىسىنى ئالداپ قېچىپ چىققان. ئاتا-ئانىلىرى ئاجرىشىپ كەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2012-يىلى 4-ئايدا ھەق-تەلەپ قانۇنىغا مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرى بار ئەر-خوتۇنلار كېلىشىم بويىچە ئاجراشقاندىن كېيىن، بالىلارنى يوقلاش، بېقىش خىراجەت پۇلى بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى ئالدىن كېلىشىۋېلىشى كېرەك. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ مۇھەببىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمايدىغان ئەھۋاللار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تەييارلىق كۆرمەكتە.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق